سۈرە 20 · پارە 16
سورة طه · 20:81
كُلُوا مِنْ طَيِّبَاتِ مَا رَزَقْنَاكُمْ وَلَا تَطْغَوْا فِيهِ فَيَحِلَّ عَلَيْكُمْ غَضَبِي ۖ وَمَنْ يَحْلِلْ عَلَيْهِ غَضَبِي فَقَدْ هَوَىٰ
(ئېيتتۇقكى) «بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن پاك - ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار، بۇ ھەقتە چەكتىن ئاشماڭلار، (ئۇنداق قىلساڭلار) سىلەرگە غەزىپىم نازىل بولىدۇ، كىمگە مېنىڭ غەزىپىم نازىل بولىدىكەن، ئۇ چوقۇم ھالاك بولىدۇ
تەپسىر
بىز سىلەرگە رىزىق قېلىپ بەرگەن پاك ھالال يېمەكلىكلەردىن يەڭلار، سىلەرگە يېيىش دۇرۇس قىلىپ بەرگەن يېمەكلىكتىن باشقا يېيىش چەكلەنگەن يېمەكلىككە ئۆتمەڭلار. ئۇ ۋاقىتتا سىلەرگە مېنىڭ غەزىبىم چۈشىدۇ، مېنىڭ غەزىبىمگە دۇچار بولغان كىشى ھالاك بولىدۇ ۋە دۇنيا-ئاخىرەتتە بەختسىز بولىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ