سۈرە 20 · پارە 16

سورة طه · 20:80

يَا بَنِي إِسْرَائِيلَ قَدْ أَنْجَيْنَاكُمْ مِنْ عَدُوِّكُمْ وَوَاعَدْنَاكُمْ جَانِبَ الطُّورِ الْأَيْمَنَ وَنَزَّلْنَا عَلَيْكُمُ الْمَنَّ وَالسَّلْوَىٰ

ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرنى ھەقىقەتەن دۈشمىنىڭلاردىن قۇتقۇزدۇق، (مۇناجات ئۈچۈن ۋە مۇساغا تەۋراتنى نازىل قىلىش ئۈچۈن) سىلەرگە (تۇرسىنا) نىڭ ئوڭ تەرىپىنى ۋەدە قىلدۇق، سىلەرگە تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق

تەپسىر

بىز ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىدىن قۇتقازغاندىن كېيىن ئۇلارغا: ئى ئىسرائىل ئەۋلادلىرى! ھەقىقەتەن بىز سىلەرنى دۈشمەنلىرىڭلاردىن قۇتقازدۇق، تۇر تېغىنىڭ يېنىدىكى جىلغىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن سۆزلىشىش توغرىسىدا سىلەرگە ۋەدە بەردۇق. چۆلدە سىلەرگە بىزنىڭ نېمەتلىرىمىزدىن ھەسەلگە ئوخشاش تاتلىق ئېچىملىك بىلەن، گۆشىنىڭ تەمى بۇدۇنىگە ئوخشايدىغان كىچىك قۇشنىڭ كاۋىپىنى ئىنئام قىلدۇق.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ