سۈرە 20 · پارە 16
سورة طه · 20:64
فَأَجْمِعُوا كَيْدَكُمْ ثُمَّ ائْتُوا صَفًّا ۚ وَقَدْ أَفْلَحَ الْيَوْمَ مَنِ اسْتَعْلَىٰ
ھىيلەڭلارنىڭ ھەممىسىنى جەملەڭلار (يەنى پۈتۈن چارە - تەدبىرلىرىڭلارنى بىر نۇقتىغا يىغىپ بىر ياقىدىن باش چىقىرىڭلار)، ئاندىن (قارىغۇچىلارغا ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈش ئۈچۈن مەيدانغا) سەپ تارتىپ كېلىڭلار، بۈگۈن ئۈستۈنلۈك قازانغان ئادەم راستلا مەقسىتىگە ئېرىشىدۇ»
تەپسىر
ئىشىڭلارنى پۇختىلاڭلار، ھەرگىز ئىختىلاپلاشماڭلار، ئاندىن سەپ تارتىپ مەيدانغا چۈشۈڭلار، ئېلىپ كەلگەن سېھرىڭلارنى بىراقلا ئوتتۇرغا تاشلاڭلار، بۈگۈن قارشى تەرەپتىن غەلبە قىلغان كىشى .چوقۇم مەقسەتكە يەتكەن بولىدۇ
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ