سۈرە 20 · پارە 16
سورة طه · 20:63
قَالُوا إِنْ هَٰذَانِ لَسَاحِرَانِ يُرِيدَانِ أَنْ يُخْرِجَاكُمْ مِنْ أَرْضِكُمْ بِسِحْرِهِمَا وَيَذْهَبَا بِطَرِيقَتِكُمُ الْمُثْلَىٰ
ئۇلار ئېيتتى: «بۇ ئىككىسى راستلا سېھرىگەر بولۇپ، سېھىر بىلەن سىلەرنى زېمىنىڭلاردىن چىقىرىۋەتمەكچى ۋە توغرا دىنىڭلارنى يوقاتماقچى بولىدۇ
تەپسىر
سېھرىگەرلەرنىڭ بەزىسى بەزىسىگە يوشۇرۇن: ھەقىقەتەن مۇسا ۋە ھارۇن بۇ ئىككىسى سېھرىگەر، بۇ ئىككىسى ئۆزىنىڭ ئېلىپ كەلگەن سېھرىسى بىلەن سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن چېقىرىۋەتمەكچى، ھايات يۆلىنىشىڭلارنى ئۆزگەرتمەكچى ۋە تەرەققى قىلغان دىنىڭلارنى يوق قىلماقچى دېدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ