سۈرە 20 · پارە 16

سورة طه · 20:40

إِذْ تَمْشِي أُخْتُكَ فَتَقُولُ هَلْ أَدُلُّكُمْ عَلَىٰ مَنْ يَكْفُلُهُ ۖ فَرَجَعْنَاكَ إِلَىٰ أُمِّكَ كَيْ تَقَرَّ عَيْنُهَا وَلَا تَحْزَنَ ۚ وَقَتَلْتَ نَفْسًا فَنَجَّيْنَاكَ مِنَ الْغَمِّ وَفَتَنَّاكَ فُتُونًا ۚ فَلَبِثْتَ سِنِينَ فِي أَهْلِ مَدْيَنَ ثُمَّ جِئْتَ عَلَىٰ قَدَرٍ يَا مُوسَىٰ

ئۆز ۋاقتىدا سېنىڭ ھەمشىرەڭ (پىر ئەۋىننىڭ ئائىلىسىگە) بېرىپ: «سىلەرگە ئۇنى باقىدىغان بىر كىشىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟» دېدى. بىز سېنىڭ ئاناڭنى خۇش بولسۇن، قايغۇرمىسۇن دەپ سېنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەردۇق، سەن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويدۇڭ، سېنى بىز غەمدىن خالاس قىلدۇق، سېنى تۈرلۈك بالالار بىلەن سىنىدۇق، سەن مەديەنلىكلەر ئارىسىدا كۆپ يىللار تۇردۇڭ، ئاندىن، ئى مۇسا! تەقدىر بىلەن (بۇ يەرگە) كەلدىڭ

تەپسىر

ئۆز ۋاقتىدا ھەمشىرەڭ ساندۇققا ئەگىشىپ بىرگە ماڭدى، ساندۇقنى ئالغان كىشىلەرگە: ئۇ بالىنى ئېمىتىپ، ئاسراپ تەربىيلەيدىغان بىرسىنى كۆرسۈتۈپ قويايمۇ دېدى. بىز ساڭا مەرھەمەت قىلىپ ئاناڭنى خۇرسەن بولسۇن ۋە سېنىڭ ئۈچۈن قايغۇرمىسۇن دەپ سېنى ئاناڭغا قايتۇرۇپ بەردۇق. سەن بىرىنى قويۇپ قىبتىنى ئۆلتۈردىڭ، سېنى بۇنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن مەرھەمەت قىلدۇق. ھەر قېتىمدا سېنى بارلىق سىناقلاردىن خالاس قىلدۇق، يۇرتۇڭدىن چېقىپ مەديەندە بىر قانچە يىل تۇردۇڭ. ئاندىن ئى مۇسا! سەن بىلەن سۆزلىشىش تەقدىر قېلىنغان بۇ جايغا كەلدىڭ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ