سۈرە 20 · پارە 16
سورة طه · 20:39
أَنِ اقْذِفِيهِ فِي التَّابُوتِ فَاقْذِفِيهِ فِي الْيَمِّ فَلْيُلْقِهِ الْيَمُّ بِالسَّاحِلِ يَأْخُذْهُ عَدُوٌّ لِي وَعَدُوٌّ لَهُ ۚ وَأَلْقَيْتُ عَلَيْكَ مَحَبَّةً مِنِّي وَلِتُصْنَعَ عَلَىٰ عَيْنِي
(ئېيتتۇقكى) «ئۇنى (يەنى بالىنى) ساندۇققا سالغىن، ئاندىن ئۇنى (ساندۇق بىلەن) دەرياغا تاشلىغىن، دەريا ئۇنى قىرغاققا تاشلىسۇن، ئۇنى مېنىڭ دۈشمىنىم ۋە ئۇنىڭ دۈشمىنى بولغان (پىرئەۋن) ئېلىپ (باقسۇن)». مېنىڭ قوغدىشىم ئاستىدا تەربىيىلىنىشىڭ ئۈچۈن، ساڭا مەن تەرەپتىن بولغان مۇھەببەتنى سالدىم
تەپسىر
مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىغا ئىلھام قىلغان ۋاقتىمىزدا ئۇنىڭغا: مۇسانى تۇققاندىن كېيىن ساندۇققا سالغىن، ساندۇقنى دېڭىزغا تاشلىغىن، دېڭىز ساندۇقنى بىزنىڭ بۇيرىقىمىز بىلەن قىرغاققا ئەچىقىدۇ. بۇنى مېنىڭ ۋە مۇسانىڭ دۈشمىنى بولغان پىرئەۋن ئالىدۇ، ئۇ مېنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشۈم، مۇھاپىزەت قىلىشىم ۋە ئاسرىشىم ئاستىدا بولىدۇ. ئىنسانلارنىڭ سېنى ياخشى كۆرۈشى ئۈچۈن ساڭا مەن تەرەپتىن بولغان سۆيگۈنى ئاتا قىلدىم.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ