سۈرە 19 · پارە 16
سورة مريم · 19:9
قَالَ كَذَٰلِكَ قَالَ رَبُّكَ هُوَ عَلَيَّ هَيِّنٌ وَقَدْ خَلَقْتُكَ مِنْ قَبْلُ وَلَمْ تَكُ شَيْئًا
(نىدا قىلغان پەرىشتە) ئېيتتى: «ئىش ئەنە شۇنداقتۇر، پەرۋەردىگارىڭ ئېيتتى: بۇ مەن ئۈچۈن ئاساندۇر، سېنى مەن ياراتتىم، ھالبۇكى سەن بۇرۇن يوق ئىدىڭ (يەنى سېنى يوقتىن بار قىلغاندەك، يەھيانى ئىككىڭلاردىن تۆرەلدۈرۈشكە قادىرمەن)»
تەپسىر
پەرىشتە: ئىش سەن ئېيتقاندەك، ئايالىڭ تۇغماس، سەن ياشىنىپ ئاجىزلاپ بەك قېرىپ كەتتىڭ، لېكىن پەرۋەردىگارىڭ مۇنداق دېدى: پەرۋەردىگارىڭنىڭ يەھيانى تۇغماس ئانىدىن، بەك قېرىپ ئاجىزلاپ كەتكەن دادىدىن يارىتىشى ئاساندۇر. ئى زەكەرىيا بۇنىڭدىن ئىلگىرى سېنىمۇ يوقتىن بار قىلدى يەنى تىلغا ئېلىنمايدىغان يوقلىقتىن ياراتتى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ