سۈرە 19 · پارە 16
سورة مريم · 19:10
قَالَ رَبِّ اجْعَلْ لِي آيَةً ۚ قَالَ آيَتُكَ أَلَّا تُكَلِّمَ النَّاسَ ثَلَاثَ لَيَالٍ سَوِيًّا
زەكەرىيا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! (ئايالىمنىڭ ھامىلدار بولغانلىقىغا) ماڭا بىر ئالامەت قىلىپ بەرسەڭ». اﷲ ئېيتتى: «سېنىڭ ئالامىتىڭ (شۇكى) ساق تۇرۇپ ئۈچ كېچە - كۈندۈز كىشىلەرگە سۆز قىلالمايسەن»
تەپسىر
زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام: ئى پەرۋەردىگارىم! پەرىشتە ماڭا بىشارەت بەرگەن نەرسىنىڭ ھاسىل بولىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدىغان ئۇنىڭ بىلەن كۆڭلۈم ئارام تاپىدىغان بىر ئالامەت قىلغىن دېدى. ئاللاھ: ساڭا بىشارەت بېرىلگەن نەرسىنىڭ ھاسىل بولىدىغانلىقىنىڭ ئالامىتى؛ سەن ساق- سالامەت تۇرۇپ ئۈچ كۈنگىچە كىشىلەرگە سۆز قىلىشقا قادىر .بولالمايسەن دېدى
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ