سۈرە 14 · پارە 13

سورة إبراهيم · 14:37

رَبَّنَا إِنِّي أَسْكَنْتُ مِنْ ذُرِّيَّتِي بِوَادٍ غَيْرِ ذِي زَرْعٍ عِنْدَ بَيْتِكَ الْمُحَرَّمِ رَبَّنَا لِيُقِيمُوا الصَّلَاةَ فَاجْعَلْ أَفْئِدَةً مِنَ النَّاسِ تَهْوِي إِلَيْهِمْ وَارْزُقْهُمْ مِنَ الثَّمَرَاتِ لَعَلَّهُمْ يَشْكُرُونَ

پەرۋەردىگارىمىز! ئەۋلادىمنىڭ بىر قىسىمىنى (يەنى بالام ئىسمائىل بىلەن ئايالىم ھاجەرنى) ناماز ئوقۇسۇن (يەنى ساڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپ) سېنىڭ ھۆرمەتلىك ئۆيۈڭنىڭ قېشىدىكى ئېكىنسىز بىر ۋادىغا (يەنى مەككىگە) ئورۇنلاشتۇردۇم، پەرۋەردىگارىمىز! بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ دىللىرىنى ئۇلارغا مايىل قىلغىن، ئۇلارنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگىن

تەپسىر

ئەي پەرۋەردىگارىمىز! مەن ئەۋلادلىرىمىنىڭ بىر قىسمىنى، يەنى ئوغلۇم ئىسمائىل ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى سېنىڭ ھۆرمەتلىك ئۆيۈڭنىڭ يېنىدىكى گىياھسىز، سۇسىز بىر چۆلدە قويۇپ قويدۇم. ئەي پەرۋەردىگارىمىز! مەن ئۇلارنى ناماز ئوقۇسۇن دەپ شۇ ئۆينىڭ يېنىدا قالدۇردۇم. ئەي رەببىم! ئىنسانلارنىڭ قەلبلىرىنى مۇشۇ شەھەرگە مايىل قىلىپ بەرگىن، ئۇلارنىڭ نېئمەتلىرىڭگە شۈكۈر قىلىشلىرى ئۈچۈن تۈرلۈك مېۋىلەردىن رىزىق بەرگىن.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ