سۈرە 14 · پارە 13
سورة إبراهيم · 14:36
رَبِّ إِنَّهُنَّ أَضْلَلْنَ كَثِيرًا مِنَ النَّاسِ ۖ فَمَنْ تَبِعَنِي فَإِنَّهُ مِنِّي ۖ وَمَنْ عَصَانِي فَإِنَّكَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
پەرۋەردىگارىم! ئۇلار (يەنى بۇتلار) نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى، كىمكى ماڭا ئەگەشكەن ئىكەن، ئۇ مېنىڭ دىنىمدىدۇر، كىمكى ماڭا ئاسىيلىق قىلغان ئىكەن، سەن ئەلۋەتتە (ئۇنىڭغا) مەغپىرەت قىلىشقا ۋە مەرھەمەت قىلىشقا (قادىرسەن)
تەپسىر
ئەي پەرۋەردىگارىم! ھەقىقەتەن بۇتلار نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرۇۋەتتى، چۈنكى ئۇلار بۇتلارنى ئۆزلىرىگە شاپائەت قىلىدۇ، دەپ ئويلاپ، شۇنىڭغا ئالدىنىپ قالدى ۋە ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارغا چوقۇنۇشتى. ئىنسانلاردىن كىمكى ئاللاھنى بىر دەپ بىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشتا ماڭا ئەگىشىدىكەن، شەكسىزكى ئۇ مېنىڭ تەۋەيىم ۋە ئەگەشكۈچىلىرىمدىندۇر. كىمكى ماڭا ئاسىيلىق قىلىپ، ئاللاھنى بىر بىلىش ۋە ئىتائەت قىلىشتا ماڭا ئەگەشمەيدىكەن، ئەي پەرۋەردىگارىم! سەن ھەقىقەتەن كەچۈرۈم قىلىشنى خالىغان بەندەڭنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلغۇچى ۋە ئۇلارغا شەپقەتلىكسەن.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ