سۈرە 14 · پارە 13

سورة إبراهيم · 14:22

وَقَالَ الشَّيْطَانُ لَمَّا قُضِيَ الْأَمْرُ إِنَّ اللَّهَ وَعَدَكُمْ وَعْدَ الْحَقِّ وَوَعَدْتُكُمْ فَأَخْلَفْتُكُمْ ۖ وَمَا كَانَ لِيَ عَلَيْكُمْ مِنْ سُلْطَانٍ إِلَّا أَنْ دَعَوْتُكُمْ فَاسْتَجَبْتُمْ لِي ۖ فَلَا تَلُومُونِي وَلُومُوا أَنْفُسَكُمْ ۖ مَا أَنَا بِمُصْرِخِكُمْ وَمَا أَنْتُمْ بِمُصْرِخِيَّ ۖ إِنِّي كَفَرْتُ بِمَا أَشْرَكْتُمُونِ مِنْ قَبْلُ ۗ إِنَّ الظَّالِمِينَ لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ

ئىش پۈتكەندە (يەنى ھېساب تۈگەپ، جەننەتىلەر بىلەن دوزىخىلار ئايرىلىپ بولغاندا)، شەيتان: «اﷲ ھەقىقەتەن سىلەرگە (ئىتائەت قىلغۇچىنى مۇكاپاتلاش، ئاسىيلىق قىلغۇچىنى جازالاشتىن ئىبارەت) راست ۋەدىنى قىلغان ئىدى، (ۋەدىسىگە ۋاپا قىلدى). مەن سىلەرگە (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش ساۋاب، جازا دېگەنلەر يوق، دەپ يالغان) ۋەدە قىلغان ئىدىم، (ۋەدەمگە) خىلاپلىق قىلدىم، سىلەرگە مېنىڭ (كۇفرىغا، گۇناھقا زورلىغۇدەك) ھۆكۈمرانلىقىم بولغىنى يوق، مەن سىلەرنى پەقەت (گۇمراھلىققا) دەۋەت قىلدىم، سىلەر (دەۋىتىمنى) قوبۇل قىلدىڭلار، شۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىمەڭلار، ئۆزۈڭلارنى ئەيىبلەڭلار، مەن سىلەرگە ياردەم بېرىپ سىلەرنى قۇتقۇزالمايمەن، سىلەرمۇ ماڭا ياردەم بېرىپ مېنى قۇتقۇزالمايسىلەر، مەن سىلەرنىڭ بۇرۇن مېنى اﷲ قا (ئىبادەتتە) شېرىك قىلغانلىقىڭلارنى ئېتىراپ قىلمايمەن، شۈبھىسىزكى، زالىملار چوقۇم قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ» دەيدۇ

تەپسىر

جەننەت ئەھلى جەننەتكە، دوزاخ ئەھلى دوزاخقا كىرگەن ۋاقىتتا ئىبلىس مۇنداق دەيدۇ: ھەقىقەتەن ئاللاھ سىلەرگە راست ۋەدە قىلغان ئىدى ھەمدە سىلەرگە بەرگەن ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇردى. مەن سىلەرگە يالغاندىن ۋەدە قىلغان ئىدىم، شۇڭا سىلەرگە بەرگەن ۋەدەمدە تۇرالمىدىم. مېنىڭ دۇنيادا سىلەرنى كۇپرى ۋە ئازغۇنلۇققا زورلىغۇدەك كۈچۈم يوق ئىدى، لېكىن سىلەرنى كۇپرىغا چاقىرىپ قويدۇم، ئاسىيلىقنى چىرايلىق كۆرسەتتىم، شۇنىڭ بىلەن سىلەر ماڭا ئەگىشىشكە ئالدىرىدىڭلار. شۇڭا ئەمدى ئۆزۈڭلارنىڭ ئازغۇنلۇقى ئۈچۈن ماڭا مالامەت قىلماي، ئۆزۈڭلارغا مالامەت قىلىڭلار. چۈنكى شۇنداق قىلىش ئەڭ لايىق مالامەتتۇر. مەن سىلەردىن ئازابنى قايتۇرۇش ئارقىلىق سىلەرنىڭ نىجاتكارىڭلار بولالمايمەن، سىلەرمۇ مەندىن ئازابنى قايتۇرۇش ئارقىلىق مېنىڭ نىجاتكارىم بولالمايسىلەر. شەكسىزكى مەن سىلەرنىڭ قۇلچىلىق قىلىشتا مېنى ئاللاھقا شېرىك قىلغىنىڭلارنى ئىنكار قىلىمەن. دۇنيادا ئاللاھقا باشقىلارنى شېرىك قىلىش ۋە ئۇنىڭغا كاپىر بولۇش ئارقىلىق ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلارغا قىيامەت كۈنى ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرىدىغان دەرتلىك ئازاب بار.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ