سۈرە 14 · پارە 13

سورة إبراهيم · 14:21

وَبَرَزُوا لِلَّهِ جَمِيعًا فَقَالَ الضُّعَفَاءُ لِلَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا إِنَّا كُنَّا لَكُمْ تَبَعًا فَهَلْ أَنْتُمْ مُغْنُونَ عَنَّا مِنْ عَذَابِ اللَّهِ مِنْ شَيْءٍ ۚ قَالُوا لَوْ هَدَانَا اللَّهُ لَهَدَيْنَاكُمْ ۖ سَوَاءٌ عَلَيْنَا أَجَزِعْنَا أَمْ صَبَرْنَا مَا لَنَا مِنْ مَحِيصٍ

ئۇلار (يەنى خالايىقلار) نىڭ ھەممىسى (قىيامەت كۈنى قەبرىلىرىدىن) چىقىپ، اﷲ قا مۇلاقات بولىدۇ، ئاجىزلىرى (يەنى ئەگەشكۈچىلىرى) مۇتەكەببىرلىرىگە (يەنى ئەگەشتۈرگۈچىلىرىگە): «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىڭلار ئىدۇق، سىلەر بىزگە بولۇۋاتقان اﷲ نىڭ ئازابىدىن ئازراق دەپئى قىلالامسىلەر؟» دەيدۇ. ئۇلار: «اﷲ بىزنى ھىدايەت قىلغان بولسا ئىدى، بىز ئەلۋەتتە سىلەرنى ھىدايەت قىلاتتۇق، بىز مەيلى نالە - پەرياد قىلايلى، مەيلى سەۋر قىلايلى، بەربىر ئوخشاش، بىزگە ھېچقانداق قاچىدىغان جاي يوق» دەيدۇ

تەپسىر

پۈتۈن مەخلۇقاتلار قىيامەت كۈنى قەبرىلىرىدىن چىقىپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا بارىدۇ. ئاندىن ئەگەشكۈچى ئاجىزلار يولباشچى كاتتىۋاشلىرىغا: ئەي كاتتىۋاشلار! شەكسىزكى بىز سىلەرگە ئەگىشىپ، سىلەرنىڭ بۇيرۇقۇڭلار بويىچە ئىش قىلغان، چەكلىگەنلىرىڭلارنى قىلمىغان ئىدۇق. ئەمدى سىلەر بىزنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئازراق بولسىمۇ قوغدىيالامسىلەر؟ دەيدۇ. يولباشچى كاتتىۋاشلار دەيدۇكى: ئاللاھ بىزنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغان بولسا ئىدى، بىزمۇ سىلەرنى شۇ يولغا يېتەكلىگەن ھەمدە ھەممىمىز بىردەك ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلغان بولاتتۇق. لېكىن ئاللاھ بىزنى ئازغۇن قىلدى، ئاندىن بىزمۇ سىلەرنى ئازدۇردۇق. شۇڭا ئەمدى بىز مەيلى ئازابقا ۋايسايلى ياكى چىشىمىزنى چىشىمىزغا چىشلەپ تۇرايلى، ھەممىمىز ئوخشاش. بۇ ئازابتىن بىزگە ئەمدى قېچىش يوق.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ