سۈرە 14 · پارە 13

سورة إبراهيم · 14:11

قَالَتْ لَهُمْ رُسُلُهُمْ إِنْ نَحْنُ إِلَّا بَشَرٌ مِثْلُكُمْ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ يَمُنُّ عَلَىٰ مَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ ۖ وَمَا كَانَ لَنَا أَنْ نَأْتِيَكُمْ بِسُلْطَانٍ إِلَّا بِإِذْنِ اللَّهِ ۚ وَعَلَى اللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُؤْمِنُونَ

پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا: «بىز پەقەت سىلەرگە ئوخشاش ئىنسانمىز، لېكىن اﷲ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىلەرگە (پەيغەمبەرلىكىنى) مەرھەمەت قىلىدۇ، اﷲ نىڭ ئىزنىسىز سىلەرگە ھېچقانداق پاكىت كۆرسىتەلمەيمىز، مۆمىنلەر (ھەممە ئىشتا) يالغۇز بىر اﷲ غىلا تەۋەككۈل قىلسۇن (يەنى ھەممە ئىشلىرىنى اﷲ قا تاپشۇرسۇن)

تەپسىر

پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا جاۋابەن: بىز پەقەت سىلەرگە ئوخشاش ئىنسانلارمىز. بىز بۇ تەرەپتە سىلەرگە ئوخشاش ئىكەنلىكىمىزنى ئىنكار قىلمايمىز. لېكىن بۇ ئوخشاشلىق ھەممە تەرەپتە ئوخشاش بولۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە ئالاھىدە نېئمەت ئاتا قىلىپ، ئىنسانلارغا پەيغەمبەرلىككە تاللايدۇ. بىز سىلەر تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەرنى ئاللاھنىڭ خاھىشىسىز كەلتۈرەلمەيمىز. چۈنكى ئۇنى كەلتۈرۈش بىزنىڭ ئىمكانىيىتىمىزدىكى ئىش ئەمەس، بەلكى ئۇ يەككە - يېگانە ئاللاھ تائالانىڭ قولىدىدۇركى، ئۇ ئاشۇنداق مۆجىزىلەرنى كەلتۈرۈشكە قادىردۇر. ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغان مۇئمىنلەر بارچە ئىشلىرىدا يالغۇز ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ