سۈرە 14 · پارە 13

سورة إبراهيم · 14:10

۞ قَالَتْ رُسُلُهُمْ أَفِي اللَّهِ شَكٌّ فَاطِرِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ يَدْعُوكُمْ لِيَغْفِرَ لَكُمْ مِنْ ذُنُوبِكُمْ وَيُؤَخِّرَكُمْ إِلَىٰ أَجَلٍ مُسَمًّى ۚ قَالُوا إِنْ أَنْتُمْ إِلَّا بَشَرٌ مِثْلُنَا تُرِيدُونَ أَنْ تَصُدُّونَا عَمَّا كَانَ يَعْبُدُ آبَاؤُنَا فَأْتُونَا بِسُلْطَانٍ مُبِينٍ

پەيغەمبەرلىرى: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچى اﷲ نىڭ (بىرلىكىدە) شەك بارمۇ؟ اﷲ گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىش ئۈچۈن، سىلەرنى (ئىمانغا) دەۋەت قىلىدۇ، سىلەرنى (جازالاشنى) مەلۇم مۇددەتكىچە (يەنى ئەجىلىڭلار يەتكۈچە) تەخىر قىلىدۇ» دېدى. ئۇلار: «سىلەر پەقەت بىزگە ئوخشاش ئىنسان، ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلىپ كېلىۋاتقان (بۇتلار) غا ئىبادەت قىلىشىمىزدىن توسماقچى بولىسىلەر، (راستلىقىڭلار ئۈچۈن) بىزگە ئېنىق پاكىت كۆرسىتىڭلار» دېدى

تەپسىر

پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا جاۋابەن: ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانىلىكى ۋە قۇلچىلىق قىلىنىشتا يالغۇز ئىكەنلىكىدە شەك بارمۇ؟ ھالبۇكى ئۇ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ياراتقۇچىسى ھەمدە ئىلگىرىكى ئۇلارنى ئۆرنەكسىز بارلىققا كەلتۈرگۈچىدۇر. ئۇ ئىلگىرىكى گۇناھلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن سىلەرنى ئۆزىگە ئىمان ئېيتىشقا چاقىرىدۇ، سىلەرنى بۇ دۇنيادا بېكىتىلگەن ئەجىلىڭلار توشقانغا قەدەر كېچىكتۈرىدۇ، دېدى. قەۋمى ئۇلارغا: سىلەرمۇ پەقەت بىزگە ئوخشاش ئىنسان سىلەر، بىزدىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىڭلار يوق. سىلەر بىزنى ئاتا - بوۋىلىرىمىز بۇرۇندىن چوقۇنۇپ كەلگەن ئىلاھلىرىمىزغا چوقۇنۇشتىن توسماقچى بولۇۋاتىسىلەر. قېنى سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ئاللاھ تەرەپتىن بىزگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىڭلارنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان روشەن دەلىل كەلتۈرۈپ بېقىڭلار، دېدى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ