سۈرە 13 · پارە 13
سورة الرعد · 13:31
وَلَوْ أَنَّ قُرْآنًا سُيِّرَتْ بِهِ الْجِبَالُ أَوْ قُطِّعَتْ بِهِ الْأَرْضُ أَوْ كُلِّمَ بِهِ الْمَوْتَىٰ ۗ بَلْ لِلَّهِ الْأَمْرُ جَمِيعًا ۗ أَفَلَمْ يَيْأَسِ الَّذِينَ آمَنُوا أَنْ لَوْ يَشَاءُ اللَّهُ لَهَدَى النَّاسَ جَمِيعًا ۗ وَلَا يَزَالُ الَّذِينَ كَفَرُوا تُصِيبُهُمْ بِمَا صَنَعُوا قَارِعَةٌ أَوْ تَحُلُّ قَرِيبًا مِنْ دَارِهِمْ حَتَّىٰ يَأْتِيَ وَعْدُ اللَّهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ لَا يُخْلِفُ الْمِيعَادَ
مۇبادا بىرەر قۇرئان (يەنى كىتاب) بولۇپ، ئۇ (تىلاۋەت قىلىش) بىلەن تاغلار يۆتكىلىدىغان ياكى يەر يېرىلىدىغان ۋە ياكى ئۆلۈكلەر سۆزلەيدىغان بولغان تەقدىردىمۇ (ئۇلار چوقۇم ئىمان ئېيتمايتتى). ھەممە ئىش اﷲ نىڭ ئىلكىدىدۇر، ئەگەر اﷲ خالىسا، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى جەزمەن ھىدايەت قىلىدىغانلىقىنى مۆمىنلەر بىلمىدىمۇ؟ (مەككە پەتھى قىلىنىپ ئىسلام دىنىنىڭ غەلىبە قىلىشىدىن ئىبارەت) اﷲ نىڭ ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشقانغا قەدەر، كاپىرلار ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھامان تۈرلۈك بالالارغا دۇچار بولىدۇ، ياكى بالا ئۇلارنىڭ يۇرتىغا يېقىن بىر جايغا چۈشىدۇ، اﷲ ۋەدىسىگە ئەلۋەتتە خىلاپلىق قىلمايدۇ
تەپسىر
مۇبادا ئىلاھىي كىتابلار ئىچىدىن مەلۇم بىر كىتابنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى، ئۇ كىتاب تىلاۋەت قىلىنسا تاغلار ئورۇنلىرىدىن قوزغىلىپ كېتىدىغان ياكى زېمىن يېرىلىپ، ئۆستەڭلەر ۋە بۇلاقلار ئېقىپ كېتىدىغان ۋە ياكى ئۆلۈكلەرگە ئوقۇلسا ئۆلۈكلەر تىرىلىپ كېتىدىغان بولسا ئىدى، ئەي پەيغەمبەر، ئەلۋەتتە ساڭا نازىل قىلىنغان مۇشۇ قۇرئان كەرىم ئىنتايىن روشەن ھەم تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك پاكىت ئىدى. كاشكى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا تەقۋادارلىق بولسىچۇ! لېكىن ئۇلار ئىنكارچىلاردۇر. مۆجىزىلەرنى ۋە باشقا نەرسىلەرنى چۈشۈرۈشتە بارچە ئىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئاللاھ ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەر بىلمەمدۇكى، ئەگەر ئاللاھ ھېچبىر ئايەت نازىل قىلماستىن پۈتۈن ئىنسانلارنى ھىدايەت قىلىشنى خالىغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇنىڭسىزمۇ ئۇلارنى ھىدايەت قىلغان بولاتتى. لېكىن ئاللاھ ئۇنداق قىلىشنى خالىمىدى. ئاللاھقا كاپىر بولغانلارغا ئۆزلىرىنىڭ كۇپرى ۋە ئاسىيلىقتىن ئىبارەت قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى ساراسىمىگە سالىدىغان ئېغىر خاپىلىقلار يېتىپ تۇرىدۇ ياكى ئاشۇ ئېغىر خاپىلىقلار ئۇلارنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى جايلارغا چۈشۈپ تۇرىدۇ. نىھايەت ئاللاھ تائالانىڭ ئۈزلۈكسىز ئازابنى چۈشۈرۈشنى ۋەدە قىلغان ۋاقىت كەلگەندە، شەكسىزكى ئاللاھ تائالا بېكىتىلگەن ۋاقتى كەلگەن ئازابنى چۈشۈرۈش ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ