سۈرە 13 · پارە 13

سورة الرعد · 13:30

كَذَٰلِكَ أَرْسَلْنَاكَ فِي أُمَّةٍ قَدْ خَلَتْ مِنْ قَبْلِهَا أُمَمٌ لِتَتْلُوَ عَلَيْهِمُ الَّذِي أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ وَهُمْ يَكْفُرُونَ بِالرَّحْمَٰنِ ۚ قُلْ هُوَ رَبِّي لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ وَإِلَيْهِ مَتَابِ

(ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان كىتابنى ئۇلارغا ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، سەندىن ئىلگىرى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەندەك، سېنى شۇنداق بىر ئۈممەتكە ئەۋەتتۇقكى، ئۇنىڭدىن بۇرۇن نۇرغۇن ئۈممەتلەر ئۆتكەن، ھالبۇكى، ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) مەرھەمەتلىك اﷲ نى ئىنكار قىلماقتا، (ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ئۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يۇقتۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم ۋە ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتىمەن»

تەپسىر

ئەي پەيغەمبەر! بىز ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنى ئۆز ئۈممەتلىرىگە ئەۋەتكىنىمىزگە ئوخشاش، ساڭا ۋەھىي قىلغان قۇرئاننى ئوقۇپ بەرسۇن دەپ سېنىمۇ ئۈممىتىڭگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. چۈنكى قۇرئان سېنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىڭنىڭ يېتەرلىك ئىسپاتىدۇر. لېكىن قەۋمىڭنىڭ ئەلپازىدىن قارىغاندا ئۇلار بۇ مۆجىزىنى ئىنكار قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار مېھىر - شەپقىتى چەكسىز ئاللاھ تائالاغا باشقىلارنى شېرىك قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا كاپىر بولىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، سىلەر باشقىسىنى شېرىك قىلىۋاتقان مېھىر - شەپقىتى چەكسىز زات مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇركى، ئۇنىڭدىن باشقا قۇلچىلىق قىلىشقا لايىق ھېچ بىرى يوقتۇر. مەن بارچە ئىشلىرىمدا ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم ۋە ئۇنىڭغا تەۋبە قىلدىم.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ