سۈرە 13 · پارە 13
سورة الرعد · 13:11
لَهُ مُعَقِّبَاتٌ مِنْ بَيْنِ يَدَيْهِ وَمِنْ خَلْفِهِ يَحْفَظُونَهُ مِنْ أَمْرِ اللَّهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَا يُغَيِّرُ مَا بِقَوْمٍ حَتَّىٰ يُغَيِّرُوا مَا بِأَنْفُسِهِمْ ۗ وَإِذَا أَرَادَ اللَّهُ بِقَوْمٍ سُوءًا فَلَا مَرَدَّ لَهُ ۚ وَمَا لَهُمْ مِنْ دُونِهِ مِنْ وَالٍ
ھەربىر ئادەمنىڭ ئالدى - كەينىدە اﷲ نىڭ ئەمرى بويىچە ئۇنى قوغدايدىغان نۆۋەتچى پەرىشتىلەر بار. ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە (يەنى اﷲ نىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىپ گۇناھلارغا چۈممىگىچە) اﷲ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ (يەنى اﷲ ئۇلارغا بەرگەن نېمەت، خاتىرجەملىك ۋە ئىززەت - ھۆرمەتنى ئېلىپ تاشلىمايدۇ)، اﷲ بىرەر قەۋمنى ھالاك قىلماقچى (ياكى ئازابلىماقچى) بولسا، ئۇنىڭغا قارشى تۇرغىلى بولمايدۇ، ئۇلارغا ئازابنى دەپئى قىلىدىغان اﷲ تىن باشقا ئىگىمۇ بولمايدۇ
تەپسىر
ئاللاھ تائالانىڭ ئارقىمۇ-ئارقا ئىنسانلارنىڭ قېشىغا نۆۋەتلىشىپ كېلىپ تۇرىدىغان پەرىشتىلىرى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى كېچىدە كەلسە، يەنە بىر قىسمى كۈندۈزى كېلىدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىنساننى ئاللاھ كەلتۈرمەسلىكنى پۈتۈۋەتكەن ھادىسىلەردىن ساقلاپ قالىدۇ، ئۇلار ئىنساننىڭ گەپ - سۆزلىرى ۋە ئىش - ھەرىكەتلىرىنى يېزىپ تۇرىدۇ. شەكسىزكى ئىنسانلار ئۆزلىرى ئاللاھقا شۈكرى ئېيتىشنىڭ ئورنىغا تۇزكورلۇق قىلمىغۇچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ياخشى ھالىتىنى ناچار ھالەتكە ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ. ناۋادا ئاللاھ بىرەر قەۋمنى ھالاك قىلىۋەتمەكچى بولسا ئۇنىڭ ئىرادىسىگە توسقۇنلۇق قىلغۇچى بولمايدۇ. ئەي ئىنسانلار! سىلەرگە نىسبەتەن ئىشىڭلارغا ئاللاھتىن باشقا ئىگە بولغۇچى يوق، شۇڭا بېشىڭلارغا كەلگەن خاپىلىقلارنى كۆتۈرۈۋېتىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا دۇئا قىلىڭلار.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ