سۈرە 13 · پارە 13

سورة الرعد · 13:10

سَوَاءٌ مِنْكُمْ مَنْ أَسَرَّ الْقَوْلَ وَمَنْ جَهَرَ بِهِ وَمَنْ هُوَ مُسْتَخْفٍ بِاللَّيْلِ وَسَارِبٌ بِالنَّهَارِ

سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن يوشۇرۇن سۆز قىلغان، ئاشكارا سۆز قىلغان، كېچىسى يوشۇرۇنغان، كۈندۈزى ئاشكارا يۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسى (اﷲ ئۈچۈن ئېيتقاندا) ئوخشاشتۇر (يەنى اﷲ ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ)

تەپسىر

ئاللاھ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئەي ئىنسانلار! سىلەردىن بىرى بىرەر ئىشنى ھەر قانچە مەخپىي قىلسۇن ياكى ئاشكارا قىلسۇن، ئاللاھنىڭ ئىلمىگە نىسبەتەن ئۇ بەرىبىر. شۇنداقلا كېچىنىڭ زۇلمىتى بىلەن كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىدىن ئۆزىنى دالدىغا ئالغۇچى ۋە ئىش - پائالىيەتلىرىنى كۈپكۈندۈزدە ئوپئوچۇق قىلغۇچى ئاللاھنىڭ ئىلمىدە ئوخشاشتۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ