سۈرە 12 · پارە 13
سورة يوسف · 12:77
۞ قَالُوا إِنْ يَسْرِقْ فَقَدْ سَرَقَ أَخٌ لَهُ مِنْ قَبْلُ ۚ فَأَسَرَّهَا يُوسُفُ فِي نَفْسِهِ وَلَمْ يُبْدِهَا لَهُمْ ۚ قَالَ أَنْتُمْ شَرٌّ مَكَانًا ۖ وَاللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا تَصِفُونَ
ئۇلار: «ئەگەر ئۇ، ئوغرىلىق قىلغان بولسا، ئۇنىڭ قېرىندىشىمۇ (يەنى يۇسۇفمۇ) ئىلگىرى ئوغرىلىق قىلغان» دېيىشتى. يۇسۇف (ئۇلارنىڭ) بۇ سۆزىنى ئىچىدە بىلدى، لېكىن ئۇلارغا مەلۇم قىلمىدى، يۇسۇف (ئىچىدە): «سىلەرنىڭ مەۋقەيىڭلار ئەڭ ياماندۇر، سىلەرنىڭ (يۇسۇف ۋە ئۇنىڭ ئۇكىسى توغرىسىدا) قىلغان سۆزۈڭلارنىڭ يالغانلىقىنى اﷲ ئوبدان بىلىدۇ» دېدى
تەپسىر
يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرى: ئەگەر بۇنيامىن ئوغرىلىق قىلغان بولسا، بۇ ھەيران قالغۇدەك ئىش ئەمەس. چۈنكى بۇندىن بۇرۇن ئۇنىڭ قان قېرىندىشى يۇسۇفمۇ ئوغرىلىق قىلغان ئىدى، دېيىشتى. يۇسۇف ئۇلارنىڭ بۇ گەپدانلىقىدىن ئاغرىنغانلىقىنى يوشۇرۇپ، ئۇلارغا بىلدۈرمىدى ھەمدە كۆڭلىدە ئۇلارغا: بۇ سىلەرنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ بار بولغان ھەسەتخورلۇقۇڭلار ۋە ناچارلىقىڭلاردۇركى، مۇشۇ يەردىمۇ شۇ ناچارلىقنىڭ ئۆزىنى تەكرار سادىر قىلىۋاتىسىلەر. ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ بۇ بوھتانىڭلارنى ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر، دېدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ