سۈرە 12 · پارە 13

سورة يوسف · 12:76

فَبَدَأَ بِأَوْعِيَتِهِمْ قَبْلَ وِعَاءِ أَخِيهِ ثُمَّ اسْتَخْرَجَهَا مِنْ وِعَاءِ أَخِيهِ ۚ كَذَٰلِكَ كِدْنَا لِيُوسُفَ ۖ مَا كَانَ لِيَأْخُذَ أَخَاهُ فِي دِينِ الْمَلِكِ إِلَّا أَنْ يَشَاءَ اللَّهُ ۚ نَرْفَعُ دَرَجَاتٍ مَنْ نَشَاءُ ۗ وَفَوْقَ كُلِّ ذِي عِلْمٍ عَلِيمٌ

ئۇلار يۇسۇفنىڭ ئۇكىسىنىڭ يۈكىنى ئاختۇرۇشتىن ئىلگىرى، ئۇلارنى يۈكىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى، ئاندىن يۇسۇفنىڭ ئۇكىسىنىڭ يۈكىدىن قەدەھنى تېپىپ چىقتى. بىز يۇسۇفكە مۇشۇ تەدبىرنى كۆرسەتتۇق، (مىسىر) پادىشاھىنىڭ قانۇنى بويىچە يۇسۇف ئۇكىسىنى ئېلىپ قالالمايتى، لېكىن اﷲ ئۇنىڭ شۇنداق قىلىشىنى خالىدى، بىز خالىغان ئادەمنى (يۇسۇفنى كۆتۈرگەندەك) يۇقىرى دەرىجىلەرگە كۆتۈرىمىز، ھەربىر بىلىمدار ئۈستىدە ئۇنىڭدىنمۇ بىلىمدار زات بار

تەپسىر

يۇسۇفنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ يۈك - تاقلىرىنى ئاختۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنى يۇسۇفنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. يۇسۇف تەدبىرىنى مەخپىي تۇتۇش ئۈچۈن قان قېرىندىشى بۇنيامىننىڭ يۈك - تاقلىرىنى ئاختۇرۇشتىن بۇرۇن باشقا قېرىنداشلىرىنىڭ يۈك - تاقلىرىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى. ئەڭ ئاخىرىدا قان قېرىندىشى بۇنيامىننىڭ يۈكىنى ئاختۇرۇپ، پادىشاھنىڭ يۈتكەن قاچىسىنى ئۇنىڭ يۈك - تاقلىرى ئىچىدىن تاپتى. بىز يۇسۇفكە قېرىندىشىنىڭ يۈك - تاقلىرى ئارىسىغا پادىشاھنىڭ قاچىسىنى يوشۇرۇپ قويۇش تەدبىرىنى كۆرسەتكىنىمىزدەك، قېرىنداشلىرىنىڭ يۇرتىدىكى ئوغرىنى قۇل قىلىپ جازالاش ئادىتىدىن پايدىلىنىپ قېرىندىشىنى يېنىدا ئېلىپ قېلىشتىن ئىبارەت باشقا بىر تەدبىرنىمۇ كۆرسەتتۇق. چۈنكى يۇسۇف مۇبادا ئۆز پادىشاھىنىڭ ئوغرىنى دۇمبالاش ۋە ئوغرىلانغان نەرسىنى تۆلىتىش قانۇنى بويىچە مۇئامىلە قىلغان بولسا بۇ پىلان ئەمەلگە ئاشمىغان بولاتتى. لېكىن ئاللاھ تائالا باشقىچە يول تۇتۇشنى خالىغان بولۇپ، ئۇ شۇنداق قىلىشقا ئەلۋەتتە قادىردۇر. بىز يۇسۇفنىڭ مەرتىۋىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىنىمىزدەك، بەندىلىمىزدىن خالىغان كىشىنىڭ مەرتىۋىسىنى يۇقىرى كۆتىرىمىز. ھەر قانداق ئىلىم ئىگىسى ئۈستىدە ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق بىلگۈچى زات باردۇر. ھەممەيلەننىڭ ئىلمى ئۈستىدە ئاللاھنىڭ ئىلمى باردۇركى، ئۇ ھەر نەرسىنى ياخشى بىلىپ تۇرىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ