سۈرە 12 · پارە 13

سورة يوسف · 12:64

قَالَ هَلْ آمَنُكُمْ عَلَيْهِ إِلَّا كَمَا أَمِنْتُكُمْ عَلَىٰ أَخِيهِ مِنْ قَبْلُ ۖ فَاللَّهُ خَيْرٌ حَافِظًا ۖ وَهُوَ أَرْحَمُ الرَّاحِمِينَ

(يەئقۇب) ئۇلارغا ئېيتتى: «ئۇنىڭ توغرىسىدا ئىلگىرى سىلەرگە ئۇنىڭ قېرىندىشى (يەنى يۇسۇف) توغرىسىدا ئىشەنگەندەك ئىشىنەمدىم؟ (مەن سىلەرگە ۋە سىلەرنىڭ ئۇنى ساقلىشىڭلارغلا ئىشەنمەيمەن) اﷲ ياخشى ساقلىغۇچىدۇر، ھەممىدىن مېھرىباندۇر»

تەپسىر

دادىسى ئۇلارغا ئېيتتى: مەن بۇنىڭ ئىشىدىمۇ سىلەرگە خۇددى بۇندىن بۇرۇن قېرىندىشى يۇسۇفنىڭ ئىشىدا ئىشەنگەندەك ئىشىنەمدىم؟ ئۆز ۋاقتىدا يۇسۇفنىڭ ئىشىدا سىلەرگە ئىشەنگەن ئىدىم، سىلەرمۇ ئۇنى قوغدايدىغانلىقىڭلار توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ئىدىڭلار، ئەمما ۋەدەڭلاردا تۇرمىدىڭلار. شۇڭا ئەمدى سىلەرنىڭ بۇنى قوغدايدىغانلىقىڭلار توغرىسىدا بەرگەن ۋەدەڭلارغا ئىشەنمەيمەن، پەقەت ئاللاھ تائالاغىلا ئىشىنىمەن، چۈنكى ئۇ ئۆزى قوغدىماقچى بولغان كىشىنى ئەڭ ياخشى قوغدىغۇچىدۇر ھەمدە رەھىم قىلىشنى خالىغان كىشىگە ئەڭ رەھىملىكدۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ