سۈرە 12 · پارە 13
سورة يوسف · 12:63
فَلَمَّا رَجَعُوا إِلَىٰ أَبِيهِمْ قَالُوا يَا أَبَانَا مُنِعَ مِنَّا الْكَيْلُ فَأَرْسِلْ مَعَنَا أَخَانَا نَكْتَلْ وَإِنَّا لَهُ لَحَافِظُونَ
ئۇلار ئاتىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ بارغىنىدا: «ئى ئاتىمىز! (مىسىرنىڭ پادىشاھى) بىزگە قايتا ئاشلىق بەرمەس بولدى، ئۇكىمىزنى (يەنى بۇنيامىننى) بىز بىلەن بىللە ئەۋەتكىن، (شۇنداق قىلساڭ) ئاشلىق ئالالايمىز، ئۇنى بىز چوقۇم ئوبدان مۇھاپىزەت قىلىمىز» دېدى
تەپسىر
ئۇلار دادىسىنىڭ يېنىغا بارغىنىدا ئۇنىڭغا يۇسۇفنىڭ ئۆزلىرىگە قىلغان ئىززەت - ئىكراملىرىنى سۆزلەپ بېرىپ: ئەي ئاتا! مۇبادا ئۇكىمىز بۇنيامىننىمۇ بىرگە ئېلىپ بارمىساق بىزدىن ئاشلىق مەنئىي قىلىندى، شۇڭا ئۇنى بىزگە قوشۇپ قويغىن. ئەگەر ئۇنى بىز بىلەن بىرگە ئەۋەتسەڭ تولۇق ئاشلىق ئالالايمىز. بىز ساڭا ئۇكىمىزنى ساق - سالامەت قايتۇرۇپ كەلگەنگە قەدەر ئۇنى قوغدايدىغانغا ۋەدە بېرەيلى، دېيىشتى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ