سۈرە 12 · پارە 12

سورة يوسف · 12:32

قَالَتْ فَذَٰلِكُنَّ الَّذِي لُمْتُنَّنِي فِيهِ ۖ وَلَقَدْ رَاوَدْتُهُ عَنْ نَفْسِهِ فَاسْتَعْصَمَ ۖ وَلَئِنْ لَمْ يَفْعَلْ مَا آمُرُهُ لَيُسْجَنَنَّ وَلَيَكُونًا مِنَ الصَّاغِرِينَ

ئۇ (يەنى زۈلەيخا): «مانا بۇ سىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىگەن ھېلىقى ئادەم، مەن ئۇنىڭدىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدىم، لېكىن ئۇ ئۆزىنى چىڭ ساقلىدى. ئەگەر ئۇ يەنىلا بۇيرۇقۇمنى قىلمىسا، چوقۇم زىندانغا تاشلىنىدۇ، چوقۇم خار ئادەم بولۇپ قالىدۇ» دېدى

تەپسىر

ئەزىزنىڭ ئايالى بۇ ئاياللارنىڭ بېشىغا كەلگەنلەرنى كۆرۈپ: ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىم ئۈچۈن سىلەرنىڭ مېنى ئەيىبلىشىڭلارغا سەۋەب بولغان بالا مانا مۇشۇ. مەن زادى ئۇنىڭدىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدىم، ئۇنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن نەيرەڭلەر ئىشلەتتىم، لېكىن ئۇ مېنىڭ تەلىپىمگە كۆنمىدى. ئەگەر ئۇ يەنە تەلىپىمگە كۆنمىسە چوقۇم زىندانغا تاشلىنىپ، زىنداندىكى بىچارىلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ، دېدى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ