سۈرە 12 · پارە 12
سورة يوسف · 12:31
فَلَمَّا سَمِعَتْ بِمَكْرِهِنَّ أَرْسَلَتْ إِلَيْهِنَّ وَأَعْتَدَتْ لَهُنَّ مُتَّكَأً وَآتَتْ كُلَّ وَاحِدَةٍ مِنْهُنَّ سِكِّينًا وَقَالَتِ اخْرُجْ عَلَيْهِنَّ ۖ فَلَمَّا رَأَيْنَهُ أَكْبَرْنَهُ وَقَطَّعْنَ أَيْدِيَهُنَّ وَقُلْنَ حَاشَ لِلَّهِ مَا هَٰذَا بَشَرًا إِنْ هَٰذَا إِلَّا مَلَكٌ كَرِيمٌ
ئۇ (يەنى زۈلەيخا) ئۇلارنىڭ گەپ - سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا (مېھماندارچىلىققا چاقىرىپ) ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلارغا (يۆلىنىدىغان) تەكىيە ياستۇقلارنى تەييارلىدى، ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن پىچاق بەردى. (زۈلەيخا يۇسۇفكە) «سەن چىقىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشكىن دېدى، ئۇلار يۇسۇفنى كۆرۈپ ھاڭ تاڭ بولۇپ قېلىشتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ قوللىرىنى كېسىۋېلىشتى. ئۇلار: «(بۇنداق چىرايلىق ئىنساننى ياراتقان) اﷲ پاكتۇر، بۇ ئادەمزات ئەمەس، پەقەت بىر ئېسىل پەرىشتىدۇر» دېيىشتى
تەپسىر
ئەزىزنىڭ ئايالى باشقا ئاياللارنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى سۆز - چۆچەكلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭمۇ يۇسۇفنى كۆرسە ئۆزىنى توغرا چۈشىنىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ، ئۇلارنى مېھماندارچىلىققا تەكلىپ قىلدى، ئۇلارنى كۈتۈۋالىدىغان يەرنى مامۇق كۆرپىلەر ۋە ياستۇقلار بىلەن بېزىدى ھەمدە تەكلىپ قىلىنغان ئاياللارنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن گۆش پارچىلايدىغان پىچاق تۇتقۇزدى. ئاندىن يۇسۇف ئەلەيھىسسالامغا: ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىققىن، دېدى. ئۇلار يۇسۇفنى كۆرۈپلا ئۇنىڭ ھۆسىن - جامالىدىن ھەيرانۇھەس قېلىشتى ھەمدە ئەقلى لال بولۇپ، گۆش پارچىلايدىغان پىچاقلار بىلەن قوللىرىنى كېسىۋېلىشتى. ئۇلار دېدىكى، ئاللاھ پاكتۇر، بۇ بالا ئىنسان ئەمەس، بۇ بالىدىكى گۈزەل جامال ئىنسانىيەت ئىچىدە ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان، بۇ پەقەت ئۇلۇغ پەرىشتىلەرنىڭ بىرى ئىكەن، دېيىشتى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ