سۈرە 12 · پارە 12

سورة يوسف · 12:19

وَجَاءَتْ سَيَّارَةٌ فَأَرْسَلُوا وَارِدَهُمْ فَأَدْلَىٰ دَلْوَهُ ۖ قَالَ يَا بُشْرَىٰ هَٰذَا غُلَامٌ ۚ وَأَسَرُّوهُ بِضَاعَةً ۚ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِمَا يَعْمَلُونَ

بۇ يەردىن بىر كارۋان ئۆتتى، ئۇلار سۇچىسىنى (سۇ ئېلىپ كېلىشكە) ئەۋەتتى، ئۇ سوغىسىنى قۇدۇققا تاشلىدى ۋە: «خۇش خەۋەر! مانا بىر ئوغۇل بالا» دېدى. ئۇلار ئۇنى تىجارەت مېلى سۈپتىدە مەخپىي تۇتۇشتى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى اﷲ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر

تەپسىر

(يۇسۇف تاشلىۋېتىلگەن قۇدۇق بار يەردىن) بىر كارۋان ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، سۇچىسىنى سۇ ئەكېلىشكە ئەۋەتتى. سۇچى سوغىسىنى قۇدۇققا تاشلىۋېدى، يۇسۇف ئارغامچىغا ئېسىلىۋالدى. ئۇ يۇسۇفنى كۆرۈپ خۇشاللىقىدىن: خۇشخەۋەر! بىر ئوغۇل بالا، دېدى. سۇچى بىلەن بىر قانچە ھەمراھلىرى ئۆزلىرىنىڭ تىجارەت مېلى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ يۇسۇفنى كارۋاندىكىلەردىن مەخپىي تۇتۇشتى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ يۇسۇفنى ئەرزىمەس ماتا قاتارىدا سېتىۋەتكەنلىكىدىن ئىبارەت قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇنىڭغا ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ