سۈرە 12 · پارە 12

سورة يوسف · 12:18

وَجَاءُوا عَلَىٰ قَمِيصِهِ بِدَمٍ كَذِبٍ ۚ قَالَ بَلْ سَوَّلَتْ لَكُمْ أَنْفُسُكُمْ أَمْرًا ۖ فَصَبْرٌ جَمِيلٌ ۖ وَاللَّهُ الْمُسْتَعَانُ عَلَىٰ مَا تَصِفُونَ

ئۇلار يۇسۇفنىڭ كۆڭلىكىنى يالغاندىن قانغا بوياپ ئېلىپ كېلىشكەن ئىدى. يەئقۇب: «بۇ ئىشنى نەپسىڭلار سىلەرگە چىرايلىق كۆرسىتىپ قىلغۇزۇپتۇ. مەن پەقەت چىرايلىقچە سەۋرە قىلىمەن، سىلەرنىڭ (مۇشۇ يالغان) سۆزۈڭلارنى كۆتۈرۈشۈمگە اﷲ مەدەتكاردۇر» دېدى

تەپسىر

ئۇلار باشقىلارنى «يۇسۇفنى زادى بۆرە يەپ كېتىپتۇ» دېگەن ئويغا كەلتۈرۈپ سۆزلىرىنى ھىيلە - مىكىر ئارقىلىق ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ كۆينىكىنى ئۆز قېنىدىن باشقا قانغا مىلەپ ئەكېلىشتى، يەئقۇب كۆينەكنىڭ يىرتىلمىغىنىنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ يالغان ئېيتقانلىقىنى بىلىۋالدى - دە، ئۇلارغا: ھەقىقىي ئەھۋال سىلەر دېگەندەك ئەمەس، ئەكسىچە نەپسىڭلار سىلەرگە ناچار قىلمىشىڭلارنى پەردازلاپ كۆرسەتتى. مەن پەقەت چىرايلىقچە سەۋر قىلىپ، نالە - پەرياد قىلمايمەن. يۇسۇفنىڭ سىلەر دەۋاتقان ئىشىدا ئاللاھتىن ياردەم كۈتىمەن.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ