سۈرە 11 · پارە 12

سورة هود · 11:8

وَلَئِنْ أَخَّرْنَا عَنْهُمُ الْعَذَابَ إِلَىٰ أُمَّةٍ مَعْدُودَةٍ لَيَقُولُنَّ مَا يَحْبِسُهُ ۗ أَلَا يَوْمَ يَأْتِيهِمْ لَيْسَ مَصْرُوفًا عَنْهُمْ وَحَاقَ بِهِمْ مَا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ

ئەگەر بىز ئۇلارغا نازىل بولىدىغان ئازابنى چەكلىك ۋاقىت كېچىكتۈرسەك، ئۇلار چوقۇم (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «ئازاب نېمىشقا چۈشمەيدۇ؟» دەيدۇ، راستلا ئۇلارغا اﷲ نىڭ ئازابى چۈشكەن كۈندە، ئۇلار قاچىدىغان يەر تاپالمايدۇ ئۇلار مەسخىرە قىلغان ئازاب ئۇلارنى قورشىۋالىدۇ

تەپسىر

ئەگەر بىز مۇشرىكلار دۇنيادا دۇچار بولىدىغان ئازابنى مەلۇم ۋاقىت كېچىكتۈرسەك ئۇلار ئالدىراپلا مەسخىرە قىلىپ: بۇ ئازابنى بىزدىن نېمە توسۇپ قالدى؟ دەيدۇ. بىلىڭلاركى، ئۇلارغا تېگىشلىك بولغان ئازابنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەلۇم ۋاقتى بار، ئۇلارغا ئۇ ئازاب كەلگەندە ئۇلار ئۆزلىرىدىن ئازابنى قايتۇرغۇچى تاپالمايدۇ بەلكى ئۇلارغا ئازاب چوقۇم كېلىدۇ. ئۇلار مەسخىرە قىلىپ ئالدىراتقان ئازاب ئۇلارنى ھەر تەرەپتىن قورشىۋالىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ