سۈرە 11 · پارە 12

سورة هود · 11:7

وَهُوَ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ فِي سِتَّةِ أَيَّامٍ وَكَانَ عَرْشُهُ عَلَى الْمَاءِ لِيَبْلُوَكُمْ أَيُّكُمْ أَحْسَنُ عَمَلًا ۗ وَلَئِنْ قُلْتَ إِنَّكُمْ مَبْعُوثُونَ مِنْ بَعْدِ الْمَوْتِ لَيَقُولَنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا إِنْ هَٰذَا إِلَّا سِحْرٌ مُبِينٌ

اﷲ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى. (ئاسمان - زېمىننى يارتىشتىن ئىلگىرى) اﷲ نىڭ ئەرشى سۇ ئۈستىدە ئىدى. سىلەرنىڭ قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن اﷲ (ئۇلارنى ياراتتى). (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر سەن (مەككە كۇففارلىرىغا): «سىلەر ئۆلگەندىن كېيىن چوقۇم تىرىلىسىلەر!» دېسەڭ، كاپىرلار چوقۇم ئېيتىدۇ: «بۇ (سۆزنى ئىچىگە ئالغان قۇرئان) پەقەت روشەن سېھىردۇر»

تەپسىر

ئاللاھ تائالا شۇنچىۋالا كاتتا ھالەتتىكى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەمدە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى بارچە نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتى. ئاللاھنىڭ ئەرشى بۇ ئىككىسى يارىتىلىشتىن ئىلگىرى سۇ ئۈستىدە ئىدى. ئەي ئىنسانلار! (ئاللاھنىڭ بۇنداق كاتتا مەخلۇقاتلارنى يارىتىشى) قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ئەڭ گۈزەل رەۋىشتە بولىدىغانلىقىنى ۋە قايسىڭلارنىڭ ئەمەلىنىڭ ئاللاھنى غەزەبلەندۈرىدىغان رەۋىشتە ناچار بولىدىغانلىقىنى ئاشكارىلاش، ئاندىن ھەر كىمگە لايىق رەۋىشتە جازا-مۇكاپات بېرىش ئۈچۈندۇر. ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر سەن ئۇلارغا: ئى ئىنسانلار! سىلەر ھېساب بېرىش ئۈچۈن ئۆلگەندىن كېيىن چوقۇم قايتىدىن تىرىلدۈرۈلىسىلەر، دېسەڭ، ئۇلار ئاللاھقا كاپىر بولۇپ، ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغانلار چوقۇم: سەن ئوقۇۋاتقان بۇ قۇرئان پەقەت ئوپئوچۇق سېھىردۇر، ئۇ ئېنىق سەپسەتىدۇر، دەيدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ