سۈرە 11 · پارە 12
سورة هود · 11:57
فَإِنْ تَوَلَّوْا فَقَدْ أَبْلَغْتُكُمْ مَا أُرْسِلْتُ بِهِ إِلَيْكُمْ ۚ وَيَسْتَخْلِفُ رَبِّي قَوْمًا غَيْرَكُمْ وَلَا تَضُرُّونَهُ شَيْئًا ۚ إِنَّ رَبِّي عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ حَفِيظٌ
ئەگەر سىلەر (مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار (يۈز ئۆرۈگىنىڭلارنىڭ ماڭا زىيىنى يوق)، سىلەرگە مەن پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزدۈم (پەيغەمبەرنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر)، پەرۋەردىگارىم (سىلەرنى ھالاك قىلىپ) ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋمنى كەلتۈرىدۇ، (شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن) اﷲ قا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن ھەربىر نەرسىنى كۈزىتىپ تۇرغۇچىدۇر»
تەپسىر
ئەگەر سىلەر مەن ئېلىپ كەلگەن نەرسىدىن يۈز ئۆرۈپ قاچساڭلار (ماڭا ھېچ زىيىنى يوق). چۈنكى مېنىڭ ۋەزىپەم پەقەت سىلەرگە يەتكۈزۈش بولۇپ، شەكسىزكى مەن ئاللاھ مېنى پەيغەمبەر قىلىپ، يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغان دىننى تولۇق يەتكۈزدۈم. ئەمدى سىلەرگە قارشى پاكىت بار، پەرۋەردىگارىم چوقۇم سىلەرنى ھالاك قىلىپ، ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋمنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. سىلەر ئىنكار قىلىش ۋە يۈز ئۆرۈش ئارقىلىق ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر. چۈنكى ئۇ بەندىلىرىدىن بىھاجەتتۇر. شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىم ھەر نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇ مېنى سىلەر پىلانلىغان سۇيىقەستلەردىن مۇھاپىزەت قىلىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ