سۈرە 11 · پارە 12

سورة هود · 11:56

إِنِّي تَوَكَّلْتُ عَلَى اللَّهِ رَبِّي وَرَبِّكُمْ ۚ مَا مِنْ دَابَّةٍ إِلَّا هُوَ آخِذٌ بِنَاصِيَتِهَا ۚ إِنَّ رَبِّي عَلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ

شۈبھىسىزكى، مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان اﷲ قا مەن تەۋەككۈل قىلدىم، اﷲ نىڭ باشقۇرۇشىدا بولمىغان بىرمۇ مەخلۇق يوقتۇر؛ پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن توغرا يولدىدۇر (يەنى ئادىل بولۇپ، ھېچ كىشىگە زۇلۇم قىلمايدۇ)

تەپسىر

مەن ھەقىقەتەن يەككە - يېگانە ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلدىم، ئىشلىرىمدا شۇنىڭغا تاياندىم، ئۇ مېنىڭ ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر. يەر يۈزىدە ئاللاھنىڭ سەلتەنىتى ۋە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئۇنىڭغا باش ئەگمىگەن ھېچ نەرسە يوق. ئاللاھ ئۆزى خالىغانچە باشقۇرىدۇ. شۈبھىسىزكى پەرۋەردىگارىم ھەققانىيەت ۋە ئادالەت ئۈستىدە بولۇپ، سىلەرنى ھەرگىزمۇ ماڭا ھۆكۈمران قىلىپ قويمايدۇ، چۈنكى مەن ھەق ئۈستىدە، سىلەر بولساڭلار سەپسەتىگە ئاساسلىنىسىلەر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ