سۈرە 11 · پارە 12
سورة هود · 11:18
وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ افْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ كَذِبًا ۚ أُولَٰئِكَ يُعْرَضُونَ عَلَىٰ رَبِّهِمْ وَيَقُولُ الْأَشْهَادُ هَٰؤُلَاءِ الَّذِينَ كَذَبُوا عَلَىٰ رَبِّهِمْ ۚ أَلَا لَعْنَةُ اللَّهِ عَلَى الظَّالِمِينَ
(اﷲ نىڭ شېرىكى بار، بالىسى بار دەپ) اﷲ قا يالغاننى چاپلىغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ ئەنە شۇلار (قىيامەت كۈنى) پەرۋەردىگارىغا توغرىلىنىدۇ، گۇۋاھچىلار: «بۇلار پەرۋەردىگارى ھەققىدە يالغان سۆزلىگەنلەردۇر» دەيدۇ. راستلا اﷲ نىڭ لەنىتى زالىملارغا بولىدۇ (يەنى اﷲ زالىملارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ)
تەپسىر
شېرىكنى ۋە بالىنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىش ئارقىلىق ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان كىشىدىنمۇ زالىم بىرى يوق. ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدىغان بۇ ئادەملەر قىيامەت كۈنى قىلمىشلىرىدىن سوراققا تارتىلىشى ئۈچۈن پەرۋەردىگارى ئالدىغا تىزىلىدۇ. پەرىشتىلەر ۋە پەيغەمبەرلەردىن بولغان گۇۋاھچىلار ئۇلارغا قارشى گۇۋاھلىق بېرىپ: ئاللاھقا بالا نىسبەت بېرىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرگەن ۋە ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغانلار مانا مۇشۇلار. بىلىپ قېلىڭلاركى، ئاللاھقا يالغاننى چاپلاش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنى ئاللاھ ئۆز رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، دەيدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ