سۈرە 11 · پارە 12

سورة هود · 11:17

أَفَمَنْ كَانَ عَلَىٰ بَيِّنَةٍ مِنْ رَبِّهِ وَيَتْلُوهُ شَاهِدٌ مِنْهُ وَمِنْ قَبْلِهِ كِتَابُ مُوسَىٰ إِمَامًا وَرَحْمَةً ۚ أُولَٰئِكَ يُؤْمِنُونَ بِهِ ۚ وَمَنْ يَكْفُرْ بِهِ مِنَ الْأَحْزَابِ فَالنَّارُ مَوْعِدُهُ ۚ فَلَا تَكُ فِي مِرْيَةٍ مِنْهُ ۚ إِنَّهُ الْحَقُّ مِنْ رَبِّكَ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يُؤْمِنُونَ

پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن روشەن دەلىل (يەنى قۇرئان) غا ئاساسلانغان ئادەم (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) (ھاياتىي دۇنيانى كۆزلەيدىغان كىشىلەر بىلەن ئوخشاشمۇ؟) ئۇنىڭغا اﷲ تەرىپىدىن كەلگەن گۇۋاھلىق بەرگۈچى (يەنى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام) قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىدۇ، قۇرئاندىن ئىلگىرى مۇساغا نازىل قىلىنغان كىتاب (يەنى تەۋرات) (ئىسرائىل ئەۋلادىغا) يېتەكچى ۋە رەھمەت قىلىپ (نازىل قىلىندى)، ئەنە شۇنداق كىشىلەر قۇرئانغا (ھەقىقىي ئىشىنىدۇ، (كۇففار) جامائەلىرىدىن كىمكى قۇرئاننى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا ۋەدە قىلىنغان جاي دوزاختۇر، قۇرئانغا شەك كەلتۈرمىگىن، ئۇ ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ھەقىقەتتۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (قۇرئاننىڭ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلىقىغا) ئىشەنمەيدۇ

تەپسىر

پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن پاكىتى ۋە يېنىدا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن گۇۋاھچى بولۇپ كەلگەن جىبرىئىل بولغان ھەمدە پەيغەمبەرلىكىگە، پۈتكۈل ئىنسانلارغا رەھبەر ۋە رەھمەت ئىكەنلىكىگە بۇندىن ئىلگىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان تەۋراتمۇ گۇۋاھلىق بېرىدىغان مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەر ئازغۇنلۇقتا نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قالغان ئاۋۇ كاپىرلارغا ئوخشىمايدۇ. ماۋۇلار قۇرئانغا ۋە ئۇ قۇرئان نازىل قىلىنغان مۇھەممەدكە ئىمان ئېيتىدۇ. خىلمۇخىل دىن ئەھلىدىن كىمكى مۇھەممەدكە (ياكى قۇرئانغا) كاپىر بولىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ جايى جەھەننەم بولىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! قۇرئاندىن ۋە كاپىرلارغا قىلىنغان ۋەدىدىن شەكلەنمىگىن. چۈنكى ئۇ شەكسىز ھەقىقەتتۇر. لېكىن كۆپىنچە كىشىلەر روشەن دەلىل-پاكىتلار دۆۋىلىنىپ تۇرسىمۇ ئىمان ئېيتمايدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ