سۈرە 10 · پارە 11
سورة يونس · 10:94
فَإِنْ كُنْتَ فِي شَكٍّ مِمَّا أَنْزَلْنَا إِلَيْكَ فَاسْأَلِ الَّذِينَ يَقْرَءُونَ الْكِتَابَ مِنْ قَبْلِكَ ۚ لَقَدْ جَاءَكَ الْحَقُّ مِنْ رَبِّكَ فَلَا تَكُونَنَّ مِنَ الْمُمْتَرِينَ
مۇبادا سەن ساڭا بىز نازىل قىلغان كىتابتىن شەكلىنىدىغان بولساڭ، سەندىن ئىلگىرى كىتاب ئوقۇغانلار (يەنى تەۋرات بىلەن ئىنجىل نازىل قىلىنغان يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دىن سوراپ باققىن، شۈبھىسىزكى، ساڭا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ھەق (قۇرئان) كەلدى. سەن ھەرگىز شەك قىلغۇچىلاردىن بولمىغىن
تەپسىر
ئى پەيغەمبەر! مۇبادا سەن بىز ساڭا نازىل قىلغان قۇرئاننىڭ ھەقلىكىدىن شەكلىنىش ۋە تېڭىرقاش ئىچىدە بولساڭ، تەۋراتنى ئوقۇغان يەھۇدىلار ئىچىدىن ئىمان ئېيتقانلىرىدىن، ئىنجىلنى ئوقۇغان ناسارالار ئىچىدىن ئىمان ئېيتقانلىرىدىن سوراپ باققىن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كىتابلىرىدا ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابنىڭ ھەق ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى سۈپەتلەرنى ساڭا دەپ بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ساڭا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن شەكسىز ھەقىقەت كەلدى. سەن ھەرگىز شەك قىلغۇچىلاردىن بولمىغىن.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ