سۈرە 10 · پارە 11

سورة يونس · 10:93

وَلَقَدْ بَوَّأْنَا بَنِي إِسْرَائِيلَ مُبَوَّأَ صِدْقٍ وَرَزَقْنَاهُمْ مِنَ الطَّيِّبَاتِ فَمَا اخْتَلَفُوا حَتَّىٰ جَاءَهُمُ الْعِلْمُ ۚ إِنَّ رَبَّكَ يَقْضِي بَيْنَهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ فِيمَا كَانُوا فِيهِ يَخْتَلِفُونَ

شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى (ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن) ياخشى جايغا ئورۇنلاشتۇردۇق، ئۇلارنى شېرىن نەرسىلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق، ئۇلارغا ئىلىم (يەنى اﷲ نىڭ ھۆكمىنى ئىچىگە ئالغان تەۋرات) كەلگەندىن كېيىن، ئۇلار (دىن ئىشىدا) ئاندىن ئىختىلاپ قىلىشتى. پەرۋەردىگارىڭ قىيامەت كۈنى، ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ئۈستىدە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىدۇ

تەپسىر

شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى مۇبارەك شام زېمىنىدا ئۇلار رازى بولىدىغان، ياخشى جايغا ئورۇنلاشتۇردۇق، ئۇلارنى پاك نەرسىلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق، ئۇلار تەۋراتتا ئوقۇغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىنى تەستىقلىغان ھالدا قۇرئان كەلگەنگە قەدەر دىن ئىشلىرىدا ئىختىلاپ قىلىشمىغان ئىدى. ئۇلار بۇنى ئىنكار قىلغاندىن كېيىن ۋەتەنلىرى تارتىۋېلىندى. ئى پەيغەمبەر! شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ قىيامەت كۈنى ئۇلار ئىختىلاپلاشقان نەرسىلەر ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئۇلاردىن ھەر بىرىگە لايىق رەۋىشتە جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ