سۈرە 10 · پارە 11
سورة يونس · 10:72
فَإِنْ تَوَلَّيْتُمْ فَمَا سَأَلْتُكُمْ مِنْ أَجْرٍ ۖ إِنْ أَجْرِيَ إِلَّا عَلَى اللَّهِ ۖ وَأُمِرْتُ أَنْ أَكُونَ مِنَ الْمُسْلِمِينَ
ئەگەر سىلەر (مېنىڭ نەسىھىتىمدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، سىلەردىن (يۈز ئۆرۈشۈڭلارغا سەۋەبچى بولىدىغان) ھەق سورىغىنىم يوق، مەن ئەجرىمنى پەقەت اﷲ تىن سورايمەن، مەن (اﷲ قا) بويسۇنغۇچىلاردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم» دېدى
تەپسىر
ئەگەر سىلەر مېنىڭ دەۋىتىمدىن يۈز ئۆرۈسەڭلار، مېنىڭ سىلەرگە رەببىمنىڭ ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى يەتكۈزگەنلىكىمگە سىلەردىن ھەق سورىمىغانلىقىمنى سىلەر بىلىسىلەر، سېلەر ماڭا ئىشىنىڭلار ياكى ئىشەنمەڭلار مېنىڭ مۇكاپاتىمنى پەقەت رەببىملا بېرىدۇ. رەببىم مېنى تائەت-ئىبادەت ۋە ياخشى ئەمەل بىلەن ئۆزىگە بۇيسۇنغۇچىلاردىن بولۇشۇمغا بۇيرىدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ