سۈرە 10 · پارە 11
سورة يونس · 10:71
۞ وَاتْلُ عَلَيْهِمْ نَبَأَ نُوحٍ إِذْ قَالَ لِقَوْمِهِ يَا قَوْمِ إِنْ كَانَ كَبُرَ عَلَيْكُمْ مَقَامِي وَتَذْكِيرِي بِآيَاتِ اللَّهِ فَعَلَى اللَّهِ تَوَكَّلْتُ فَأَجْمِعُوا أَمْرَكُمْ وَشُرَكَاءَكُمْ ثُمَّ لَا يَكُنْ أَمْرُكُمْ عَلَيْكُمْ غُمَّةً ثُمَّ اقْضُوا إِلَيَّ وَلَا تُنْظِرُونِ
ئۇلارغا نۇھنىڭ قىسسىسىنى ئوقۇپ بەرگىن، ئۆز ۋاقتىدا نۇھ قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! ئەگەر سىلەرگە مېنىڭ ئىچىڭلاردا تۇرۇشۇم ۋە سىلەرنى اﷲ نىڭ ئايەتلىرى بىلەن قورقۇتۇشۇم ئېغىر كەلگەن بولسا، مەن اﷲ قا تەۋەككۈل قىلدىم (يەنى اﷲ قا يۆلەندىم، سىلەرگە پەرۋا قىلمايمەن). سىلەر بۇتلىرىڭلار بىلەن بىرلىكتە (مېنى قەستلەيدىغان) ئىشىڭلارنى قارار قىلىۋېرىڭلار، ئىشىڭلار سىلەرگە تۇتۇق بولۇپ قالمىسۇن (يەنى مېنى قەستلەيدىغان ئىشىڭلار ئاشكارا بولسۇن)، ئاندىن مېنى بىردەممۇ كېچىكتۈرمەي، مېنىڭ ھەققىمدە (خالىغىنىڭلارنى) ئىجرا قىلىۋېرىڭلار
تەپسىر
ئى پەيغەمبەر! مۇشرىكلارغا نۇھنىڭ قىسسىسىنى ئوقۇپ بەرگىن، ئۆز ۋاقتىدا نۇھ قەۋمىگە: ئى قەۋمىم! مېنىڭ ئاراڭلاردا بولۇشۇم ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە نەسىھەتلەرنى ئەسلىتىشىم سىلەرگە ئېغىر كېلىپ، مېنى ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولساڭلار، سىلەرنىڭ سۈيقەستىڭلارنى بىتچىت قىلىشتا ئاللاھقا تاياندىم. سىلەر بۇتلىرىڭلارنى ياردەمگە چاقىرىپ مېنى قەستلەيدىغان پىلانلىرىڭلارنى قىلىۋىرىڭلار، قەستلەيدىغان ئىشىڭلار مەخپى بولمىسۇن، سىلەر پىلانلىغىنىڭلاردىن كېيىن يۇشۇرغان ئىشىڭلارنى ئازراقمۇ كېچىكتۈرمەي قىلىۋېرىڭلار.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ