سۈرە 10 · پارە 11
سورة يونس · 10:4
إِلَيْهِ مَرْجِعُكُمْ جَمِيعًا ۖ وَعْدَ اللَّهِ حَقًّا ۚ إِنَّهُ يَبْدَأُ الْخَلْقَ ثُمَّ يُعِيدُهُ لِيَجْزِيَ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ بِالْقِسْطِ ۚ وَالَّذِينَ كَفَرُوا لَهُمْ شَرَابٌ مِنْ حَمِيمٍ وَعَذَابٌ أَلِيمٌ بِمَا كَانُوا يَكْفُرُونَ
(قىيامەت كۈنى) ھەممىڭلار اﷲ نىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، اﷲ نىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، شۈبھىسىزكى، مەخلۇقاتنى دەسلەپتە اﷲ ياراتقان، (ئۇلارنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن، قىيامەت كۈنى) ئىمان ئېيتقانلارنى ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارنى ئادىللىق بىلەن مۇكاپاتلاش ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرىدۇ، كاپىرلارنىڭ بولسا، ئۆزلىرىنىڭ كۇفرى تۈپەيلىدىن، (دوزاختىكى) ئىچىملىكى قاتتىق قاينىغان سۇ بولىدۇ ھەمدە ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
تەپسىر
قىيامەت كۈنى قىلغان ئەمەللىرىڭلارنىڭ جازا-مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر. ئاللاھ ئىنسانىيەتكە بۇنى ۋەدە قىلدى، ئۇ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ. ئاللاھ بۇنىڭغا قادىردۇر. ھەقىقەتەن ئاللاھ مەخلۇقاتنى دەسلەپتە ئۆرنەكسىز ياراتقان ئاندىن ئۆلگەندىن كېيىن ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرگە ياخشىلىقلىرىنى كەمەيتمەي، يامانلىقلىرىنى كۆپەيتمەي ئادىللىق بىلەن مۇكاپاتىنى بېرىش ئۈچۈن قايتىدىن تىرىلدۈرىدۇ. ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە كاپىر بولغانلارنىڭ ئۇسسۇزلىقى ئۈچۈن، ھارارىتىنىڭ قاتتىقلىقى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ ئۈچەيلىرىنى ئۈزىۋېتىدىغان سۇ بېرىلىدۇ. ئۇلار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان سەۋەبلىك قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ