سۈرە 10 · پارە 11

سورة يونس · 10:3

إِنَّ رَبَّكُمُ اللَّهُ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ فِي سِتَّةِ أَيَّامٍ ثُمَّ اسْتَوَىٰ عَلَى الْعَرْشِ ۖ يُدَبِّرُ الْأَمْرَ ۖ مَا مِنْ شَفِيعٍ إِلَّا مِنْ بَعْدِ إِذْنِهِ ۚ ذَٰلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمْ فَاعْبُدُوهُ ۚ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ

شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار اﷲ دۇر، ئۇ ئىنسانلارنى، زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى. ئاندىن ئەرش ئۈستىدە ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە قارار ئالدى. اﷲ خالايىقنىڭ ئىشلىرىنى (ئۆز ھېكمىتىگە مۇۋاپىق) ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ، (قىيامەت كۈنى) ھەر قانداق شاپائەت قىلغۇچى ئالدى بىلەن اﷲ نىڭ ئىزنىنى ئالىدۇ، ئەنە شۇ اﷲ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، ۋەز - نەسىھەت ئالمامسىلەر؟

تەپسىر

ئى ھەيران قالغان كىشىلەر! شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار كاتتا ئاسمانلارنى، كەڭرى زېمىنلارنى ئالتە كۈندە ياراتقان، ئاندىن ئەرش ئۈستىدە ئۆزىنىڭ شانۇ-شەۋكىتىگە لايىق ئورۇن ئالغان ئاللاھتۇر. ئىش ئۇنداقكەن، ئاللاھنىڭ ئىچىڭلاردىن بىر ئادەمنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىگە قانداقمۇ ھەيران قالىسىلەر؟!. ئۇ، ئۆز شانۇ-شەۋكىتىدە يالغۇز ھۆكۈم چىقىرىدىغان ۋە تەقدىر قىلىدىغان زاتتۇر. بىرەر ئادەمنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ رازىلىقى ۋە ئىزنى بولماستىن شاپائەت قىلىش ھوقۇقى يوق. بۇ سۈپەتكە ئىگە بولغان زات ئاللاھتۇر. ئۇنىڭغا ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار. بۇ پاكىت ۋە ھۆججەتلەردىن ئاللاھنىڭ يەككە-يىگانە ئىكەنلىكىگە ۋەز نەسىھەت ئالمامسىلەر؟، كىمكى ئازراقلا ۋەز نەسىھەت ئالىدىكەن بۇنى بىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ