سۈرە 91 · پارە 30
سورة الشمس · 91:14
فَكَذَّبُوهُ فَعَقَرُوهَا فَدَمْدَمَ عَلَيْهِمْ رَبُّهُمْ بِذَنْبِهِمْ فَسَوَّاهَا
ئۇلار پەيغەمبەرنى (يەنى سالىھ ئەلەيھىسسالامنى) يالغانچى قىلدى، تۆگىنى ئۆلتۈردى، گۇناھى تۈپەيلىدىن اﷲ ئۇلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلدى، ئومۇميۈزلۈك ھالاك قىلدى
تەپسىر
ئاندىن ئۇلار بۇ تۆگىنىڭ ئىشىدا پەيغەمبىرىنى يالغانغا چىقىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن تۆگىنى ئۇلارنىڭ ئەڭ بەدبەخت ئادىمى ئۆلتۈرۈۋەتتى، باشقىلار بولسا ئۇنىڭ قىلغىنىغا قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرۇشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى گۇناھتا ئورتاق بولدى. ئاندىن ئاللاھ ئۇلارغا ئازابىنى چۈشۈردى. يەنى ئۇلارنى گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن قاتتىق بىر ئاۋاز بىلەن ھالاك قىلىۋەتتى ھەمدە ئۇلارغا ئوخشاشلا ھالاكەت جازاسى بەردى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ