سۈرە 85 · پارە 30
سورة البروج · 85:10
إِنَّ الَّذِينَ فَتَنُوا الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ ثُمَّ لَمْ يَتُوبُوا فَلَهُمْ عَذَابُ جَهَنَّمَ وَلَهُمْ عَذَابُ الْحَرِيقِ
مۆمىن ئەر ۋە مۆمىن ئاياللارغا زىيانكەشلىك قىلغاندىن كېيىن كۇفرىدىن قايتمىغانلار، شۈبھىسىزكى، جەھەننەمنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارغا ئوت بىلەن ئازاب قىلىنىدۇ
تەپسىر
شەكسىزكى مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارنى يالغۇز ئاللاھقا بولغان ئىمانىدىن قايتۇرۇش ئۈچۈن ئوت بىلەن قىينىغان، ئاندىن كېيىن گۇناھلىرىدىن ئاللاھقا تەۋبە قىلمىغانلار قىيامەت كۈنى جەھەننەم ئازابىغا دۇچار قىلىنىدۇ، ئۇلار دۇنيادا مۇئمىنلەرنى كۆيدۈرگەنلىكلىرىنىڭ جازاسى سۈپىتىدە دوزاخنىڭ ئوتىمۇ ئۇلارنى كۆيدۈرىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ