سۈرە 83 · پارە 30

سورة المطففين · 83:26

خِتَامُهُ مِسْكٌ ۚ وَفِي ذَٰلِكَ فَلْيَتَنَافَسِ الْمُتَنَافِسُونَ

ئۇلار ئاغزى پېچەتلەنگەن ساپ شاراب بىلەن سۇغىرىلىدۇ، ئىچىشنىڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭدىن ئىپارنىڭ ھىدى كېلىپ تۇرىدۇ. قىزىققۇچىلار شۇنىڭغا قىزىقسۇن!

تەپسىر

ئۇ شاراب تامامەن تۈگىگەنگە قەدەر ئىپارنىڭ ھىدى كېلىپ تۇرىدۇ. بەسلىشىدىغانلار ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ئەمەللەرنى قىلىش، ئۇنى غەزەبلەندۈرىدىغان ئىشنى قىلماسلىق بىلەن مانا مۇشۇنداق ئېسىل مۇكاپاتلار ئۈچۈن بەسلەشسۇن.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ