سۈرە 8 · پارە 10

سورة الأنفال · 8:72

إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَهَاجَرُوا وَجَاهَدُوا بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنْفُسِهِمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَالَّذِينَ آوَوْا وَنَصَرُوا أُولَٰئِكَ بَعْضُهُمْ أَوْلِيَاءُ بَعْضٍ ۚ وَالَّذِينَ آمَنُوا وَلَمْ يُهَاجِرُوا مَا لَكُمْ مِنْ وَلَايَتِهِمْ مِنْ شَيْءٍ حَتَّىٰ يُهَاجِرُوا ۚ وَإِنِ اسْتَنْصَرُوكُمْ فِي الدِّينِ فَعَلَيْكُمُ النَّصْرُ إِلَّا عَلَىٰ قَوْمٍ بَيْنَكُمْ وَبَيْنَهُمْ مِيثَاقٌ ۗ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ

ئىمان ئېيتقانلار، (اﷲ نى ۋە اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىنى سۆيۈش يۈزىسىدىن يۇرتىنى تاشلاپ) ھىجرەت قىلغان، پۇل - ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن اﷲ يولىدا جىھاد قىلغانلار (يەنى مۇھاجىرلار)، (يۇرتىدا مۇھاجىرلارغا) جاي بەرگەنلەر ۋە ياردەم كۆرسەتكەنلەر (يەنى ئەنسارلار) - ئەنە شۇلار ئەلۋەتتە بىر - بىرىگە ئىگىدۇر (يەنى بىر - بىرىگە ياردەمچىدۇر، بىر - بىرىگە مىراسخوردۇر). ئىمان ئېيتقان ئەمما (مەدىنىگە) ھىجرەت قىلمىغانلار بىلەن سىلەرنىڭ ئوتتۇراڭلاردا تاكى ئۇلار ھىجرەت قىلغانغا قەدەر ئۆزئارا ئىگە بولۇش (يەنى ياردەملىشىش، مىراسخور بولۇش) بولمايدۇ؛ ئەگەر دىن ئىشىدا ئۇلار سىلەردىن ياردەم تەلەپ قىلسا، ئۇلارنىڭ دۈشمىنى بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا كېلىشىم بولمىسىلا، ئۇلارغا ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك، اﷲ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر

تەپسىر

ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلار، ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى تەستىقلىغانلار، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە ئەمەل قىلغانلار، كۇپرى يۇرتىدىن ئىسلام يۇرتىغا ياكى خاتىرجەم ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلالايدىغان ئورۇنغا ھىجرەت قىلغانلار، ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ماللىرى ۋە جانلىرىنى سەرپ قىلىپ جىھاد قىلغانلار، ھىجرەت قىلىپ كەلگەنلەرگە جاي بەرگەن ۋە ياردەم بەرگەن ئەنە شۇ مۇھاجىرلار ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلغان ئەنسارىلار بىر-بىرىگە ئىگە چىقىپ ياردەمدە بولىدۇ. ئى مۆئمىنلەر! ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان، كۇپرى يۇرتىدىن ئىسلام يۇرتىغا ھىجرەت قىلمىغان كىشىلەر ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلمىغۇچە ئۇلارغا ياردەم بېرىش ۋە ھىمايە قىلىش سىلەرنىڭ مەجبۇرىيىتىڭلار ئەمەس. ئەگەر ئۇلارغا كاپىرلار زۇلۇم قىلىپ، ئۇلار سىلەردىن ياردەم تەلەپ قىلسا، سىلەر ئۇلارغا دۈشمەنلىرىگە قارشى ياردەم بېرىڭلار. ئەگەر سىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرى ئارىسىدا ئەھدە بولۇپ، ئۇلار ئەھدىنى بۇزمىغان بولسا ياردەم بەرمىسەڭلىمۇ بولىدۇ. ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر. ئاللاھقا ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچنەرسە مەخپى ئەمەس. ئاللاھ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ