سۈرە 8 · پارە 9

سورة الأنفال · 8:19

إِنْ تَسْتَفْتِحُوا فَقَدْ جَاءَكُمُ الْفَتْحُ ۖ وَإِنْ تَنْتَهُوا فَهُوَ خَيْرٌ لَكُمْ ۖ وَإِنْ تَعُودُوا نَعُدْ وَلَنْ تُغْنِيَ عَنْكُمْ فِئَتُكُمْ شَيْئًا وَلَوْ كَثُرَتْ وَأَنَّ اللَّهَ مَعَ الْمُؤْمِنِينَ

(ئى كۇففارلار جامائەسى!) ئەگەر سىلەر غەلىبىنى تىلىسەڭلار، غەلىبە ئاللىقاچان سىلەرگە كەلدى (يەنى ئۇ سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا كەلدى). ئەگەر (پەيغەمبەر بىلەن دۈشمەنلىشىشتىن) يانساڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن يەنە ئۇرۇشساڭلار، بىز ئۇنىڭغا يەنە ياردەم بېرىمىز، قوشۇنۇڭلار كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ سىلەردىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلىپ بېرەلمەيدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن مۆمىنلەر بىلەن بىللىدۇر

تەپسىر

ئەي مۇشرىكلار! ئەگەر سىلەر ھەددىدىن ئاشقان زالىملارغا ئاللاھنىڭ ئازاب چۈشۈرۈشىنى تىلىسەڭلار، ئاللاھ سىلەر تىلىگەن نەرسىنى ئاللىبۇرۇن چۈشۈرۈپ بولدى. ئاللاھ سىلەرگە جازا، تەقۋادارلارغا ئىبرەت بولىدىغان نەرسىنى چۈشۈردى. ئەگەر سىلەر بۇنى تىلەشتىن توختىساڭلار ئۇ سىلەرگە ياخشىدۇر، بەلكى ئاللاھ سىلەرگە مۆھلەت بېرىپ سىلەرنى ئالدىراپ جازالىماسلىقى مۇمكىن، ئەگەر سىلەر ئالاھنىڭ ئازابىنى قايتىدىن تىلىسەڭلار ۋە مۇئمىنلەر بىلەن يەنە ئۇرۇشساڭلار بىز سىلەرگە ئازاب چۈشۈرۈپ مۇئمىنلەرگە غەلبىنى چۈشۈرۈشكە ۋەدە قىلىمىز، سىلەرنىڭ قوشۇنىڭلار ۋە ياردەمچىلىرىڭلارنىڭ سانى كۆپ، تەييارلىقىڭلار تولۇق مۇئمىنلەرنىڭ سانى ئاز بولغان تەقدىردىمۇ ئۇ سىلەردىن ھېچ نەرسىنى بىھاجەت قىلالمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن مۇئمىنلەر بىلەن بىللىدۇر، ئۇلارغا ياردەم بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى كۈچلەندۈرىدۇ. ئاللاھ كىم بىلەن بىرگە بولسا، ئۇ ئادەمدىن غالىپ كەلگۈچى بولمايدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ

سورة الأنفال 8:19 · Tlawati