سۈرە 76 · پارە 29
سورة الإنسان · 76:2
إِنَّا خَلَقْنَا الْإِنْسَانَ مِنْ نُطْفَةٍ أَمْشَاجٍ نَبْتَلِيهِ فَجَعَلْنَاهُ سَمِيعًا بَصِيرًا
شۈبھىسىزكى، بىز ئىنساننى ئارىلاشما مەنىي (يەنى ئەر بىلەن ئاياللارنىڭ مەنىيسى) دىن ياراتتۇق، ئۇنى بىز (شەرىئەت تەكلىپلىرى بىلەن) سىنايمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى بىز (ئۇنى نازىل قىلغان ئايەتلىرىمىزنى ئاڭلىسۇن، كائىناتنى ياراتقۇچىنىڭ بىرلىكىگە دالالەت قىلىدىغان دەلىللەرنى كۆرسۇن دەپ) ئاڭلايدىغان، كۆرۈدىغان قىلىپ ياراتتۇق
تەپسىر
ھەقىقەتەن بىز ئىنساننى ئەر ۋە ئايالنىڭ ئارىلاشما مەنىيسىدىن ياراتتۇق. بىز ئۇنى بىر بۆلۈك ئەمەللەرنى يۈكلەش ئارقىلىق سىنايمىز. شۇڭا بىز ئۇنىڭغا بىز يۈكلىگەن ئەمەللەرنى بەجا كەلتۈرسۇن دەپ قۇلاق، كۆز ئاتا قىلدۇق.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ