سۈرە 74 · پارە 29

سورة المدثر · 74:52

بَلْ يُرِيدُ كُلُّ امْرِئٍ مِنْهُمْ أَنْ يُؤْتَىٰ صُحُفًا مُنَشَّرَةً

بەلكى ئۇلاردىن ھەر كىشى ئۆزىگە ئوچۇق سەھىپىلەر بېرىلىشىنى خالايدۇ (يەنى ئۇلار اﷲ نىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان كىتابىدەك كىتاب نازىل قىلىنىشىنى تەمە قىلىدۇ)

تەپسىر

بەلكى بۇ مۇشرىكلاردىن ھەر بىرى ئۆزلىرىنىڭ باشلىرىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدىغان، ئوچۇق بىر كىتاب بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى دەلىل پاكىتلارنىڭ ئازلىقى ياكى ئاجىزلىقى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ تەرسالىقى ۋە تەكەببۇرلىقىدىندۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ