سۈرە 74 · پارە 29
سورة المدثر · 74:48
فَمَا تَنْفَعُهُمْ شَفَاعَةُ الشَّافِعِينَ
شاپائەت قىلغۇچىلارنىڭ شاپائىتى ئۇلارغا پايدا بەرمەيدۇ (يەنى ئۇلارنى اﷲ نىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزىدىغان شاپائەتچى بولمايدۇ، ئۇلارغا پۈتۈن ئەھلى زېمىن شاپائەت قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدۇ)
تەپسىر
قىيامەت كۈنى پەرىشتىلەر، پەيغەمبەرلەر ۋە سالىھ كىشىلەردىن ئىبارەت شاپائەت قىلغۇچىلارنىڭ شاپائىتىنىڭمۇ ئۇلارغا پايدىسى بولمايدۇ، چۈنكى شاپائەتنىڭ قوبۇل بولۇشىنىڭ شەرتى شاپائەت قىلىنغۇچىدىن ئاللاھنىڭ رازى بولۇشىدۇر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ