سۈرە 73 · پارە 29

سورة المزمل · 73:20

۞ إِنَّ رَبَّكَ يَعْلَمُ أَنَّكَ تَقُومُ أَدْنَىٰ مِنْ ثُلُثَيِ اللَّيْلِ وَنِصْفَهُ وَثُلُثَهُ وَطَائِفَةٌ مِنَ الَّذِينَ مَعَكَ ۚ وَاللَّهُ يُقَدِّرُ اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ ۚ عَلِمَ أَنْ لَنْ تُحْصُوهُ فَتَابَ عَلَيْكُمْ ۖ فَاقْرَءُوا مَا تَيَسَّرَ مِنَ الْقُرْآنِ ۚ عَلِمَ أَنْ سَيَكُونُ مِنْكُمْ مَرْضَىٰ ۙ وَآخَرُونَ يَضْرِبُونَ فِي الْأَرْضِ يَبْتَغُونَ مِنْ فَضْلِ اللَّهِ ۙ وَآخَرُونَ يُقَاتِلُونَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ ۖ فَاقْرَءُوا مَا تَيَسَّرَ مِنْهُ ۚ وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ وَأَقْرِضُوا اللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا ۚ وَمَا تُقَدِّمُوا لِأَنْفُسِكُمْ مِنْ خَيْرٍ تَجِدُوهُ عِنْدَ اللَّهِ هُوَ خَيْرًا وَأَعْظَمَ أَجْرًا ۚ وَاسْتَغْفِرُوا اللَّهَ ۖ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ

(ئى مۇھەممەد!) شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ سېنىڭ ۋە سەن بىلەن بولغانلارنىڭ (يەنى ساھابىلەر) دىن بىر توپ ئادەمنىڭ (تەھەججۇد نامىزى ئۈچۈن) كېچىنىڭ ئۈچتىن ئىككى ھەسسىسىدە، يېرىمىدا ۋە ئۈچتىن بىر ھەسسىسىدە تۇرىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ (ئۇزۇنلۇقى) نى اﷲ ئالدىنئالا بەلگىلەيدۇ، سىلەرنىڭ ئۇنى ھېسابلاپ بولالمايدىغانلىقىڭلارنى اﷲ بىلىدۇ، اﷲ سىلەرگە رەھىم قىلدى (يەنى كېچىدە تەھەججۇد نامىزى ئوقۇشنىڭ پەرزلىكىنى) ئەمەلدىن قالدۇردى، تەھەججۇد نامىزىدىن سىلەرگە قۇلاي بولغاننى ئوقۇڭلار، اﷲ بىلىدۇكى، بەزىڭلار كېسەل بولۇپ قالىسىلەر، بەزىلەر اﷲ نىڭ پەزلىنى تىلەپ (يەنى تىجارەت قىلىپ) يەر يۈزىدە سەپەر قىلىدۇ، يەنە بەزىلەر اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭدىن (يەنى تەھەججۇد نامىزىدىن) قۇلاي بولغاننى ئوقۇڭلار، (پەرز) نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، اﷲ قا قەرزىي ھەسەنە بېرىڭلار (يەنى اﷲ نىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل - مال سەرپ قىلىڭلار)، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن (دۇنيادا) قايسىبىر ياخشى ئىشنى قىلساڭلار، اﷲ نىڭ دەرگاھىدا تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ كاتتا ساۋابقا ئېرىشىسىلەر (دۇنيا بولسا پانىيدۇر، ئاخىرەت بولسا باقىيدۇر ياخشى بەندىلەر ئۈچۈن اﷲ نىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاب ھەممىدىن ئارتۇقتۇر)، اﷲ تىن مەغپىرەت تىلەڭلار، اﷲ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر

تەپسىر

ئى پەيغەمبەر! ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭ سېنىڭ بەزىدە كېچىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىدە، بەزىدە كېچىنىڭ يېرىمىدا، بەزىدە ئۈچتىن بىرىدە تۇرۇپ ناماز ئوقۇيدىغانلىقىڭنى، بىر بۆلۈك مۇئمىنلەرنىڭمۇ سەن بىلەن بىرگە تۇرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئاللاھ كېچە - كۈندۈزنى بەلگىلەيدۇ، ئۇنىڭ ۋاقىتلىرىنى ھېسابلايدۇ. ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ئۇ ۋاقىتلارنى ئىنچىكە ھېسابلاپ بولالمايدىغانلىقىڭلارنى، كۆزلىگەن نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك ۋاقىت قىيامدا تۇرۇشنىڭ سىلەرگە ئېغىر كېلىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، سىلەرنىڭ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى. شۇڭا كېچىدە ئۆزۈڭلارغا قولاي بولغان مىقداردا ناماز ئوقۇڭلار. ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھ يېقىن كەلگۈسىدە سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا كېسەللەرنىڭ، ئاللاھتىن رىزىق تىلەپ سەپەر قىلغۇچىلارنىڭ، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ئۇنىڭ سۆزىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن كاپىرلار بىلەن جىھاد قىلغۇچىلارنىڭمۇ بارلىقىنى بىلىدۇ. بۇلارغا كېچىدە قىيامدا تۇرۇش ئېغىر كېلىدۇ. شۇڭا كېچىدىن ئۆزۈڭلارغا قولاي بولغان مىقداردا ناماز ئوقۇڭلار. پەرز نامازلارنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىڭلار، ماللىرىڭلارنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلىڭلار، ماللىرىڭلارنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىڭلار. ئۆزۈڭلار ئۈچۈن دۇنيادا قانداق ياخشىلىق قىلغان بولساڭلار، ئۇنىڭ بەدىلىگە ئاخىرەتتە ئۇنىڭدىنمۇ كاتتا ھەم ياخشى ساۋابقا ئېرىشىسىلەر. ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەڭلاركى، ھەقىقەتەن ئاللاھ بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغانلارغا كۆپ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايتى مېھرىباندۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ