سۈرە 71 · پارە 29
سورة نوح · 71:4
يَغْفِرْ لَكُمْ مِنْ ذُنُوبِكُمْ وَيُؤَخِّرْكُمْ إِلَىٰ أَجَلٍ مُسَمًّى ۚ إِنَّ أَجَلَ اللَّهِ إِذَا جَاءَ لَا يُؤَخَّرُ ۖ لَوْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ
ئۇ بەزى گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە كېچىكتۈرىدۇ (يەنى ئۆمرۈڭلارنى ئۇزۇن قىلىدۇ)، شۈبھىسىزكى، ئەگەر بىلسەڭلار، اﷲ نىڭ (ئىنسانغا بېكىتكەن) ئەجىلى كەلگەن چاغدا (ئەجەل) كېچىكتۈرۈلمەيدۇ
تەپسىر
ئەگەر سىلەر شۇنداق قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ بەندىلەرنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بولمىغان بارلىق گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىپ، بۇ دۇنيادا ياشاش مۇددىتىڭلارنى ئاللاھنىڭ ئىلمىدە بېكىتىلگەن ۋاقىتقا قەدەر ئۇزارتىدۇ. سىلەر بۇ دۇنيادا تۇرغان مۇددەتچە يەر يۈزىنى ئاۋات قىلىسىلەر. ھەقىقەتەن ئۆلۈم كەلگەن چاغدا كېچىكتۈرۈلمەيدۇ. كاشكى سىلەر بۇنى بىلگەن بولساڭلار، ئەلۋەتتە ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشقا ۋە شېرىك ھەم ئازغۇنلۇقتىن تەۋبە قىلىشقا ئالدىرىغان بولاتتىڭلار.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ