سۈرە 70 · پارە 29

سورة المعارج · 70:41

عَلَىٰ أَنْ نُبَدِّلَ خَيْرًا مِنْهُمْ وَمَا نَحْنُ بِمَسْبُوقِينَ

مەشرىقلارنىڭ ۋە مەغرىبلەرنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنى ئۇلاردىن ياخشىراق ئادەملەر بىلەن ئالماشتۇرۇشقا (يەنى ئۇلارنى ھالاك قىلىپ ئورنىغا ئۇلاردىن ئارتۇق ۋە اﷲ قا ئىتائەتچان بىر قەۋمنى كەلتۈرۈشكە) بىز ئەلۋەتتە قادىرمىز، بىز (بۇنىڭدىن) ئاجىز ئەمەسمىز

تەپسىر

ئاي ۋە قۇياشنىڭ چىقىدىغان جايلىرىنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەمكى، بىز ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئاللاھقا ئىتائەت قىلىدىغان باشقا كىشىلەرگە كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى ھالاك قىلىۋېتىشكە ئەلۋەتتە قادىرمىز. بىز ئۇنىڭدىن ئاجىز ئەمەسمىز. ئۇلارنى قاچان ھالاك قىلماقچى ۋە باشقىلارغا ئالماشتۇرماقچى بولساق، قىلالماي قالمايمىز.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ