سۈرە 70 · پارە 29

سورة المعارج · 70:32

وَالَّذِينَ هُمْ لِأَمَانَاتِهِمْ وَعَهْدِهِمْ رَاعُونَ

ئۇلار ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ئەھدىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر

تەپسىر

ئۇلار ئۆزلىرىگە ئامانەت قويۇلغان مال - مۈلۈك، مەخپىي سىرلار ۋە باشقا نەرسىلەرنى جايىدا ساقلايدۇ. كىشىلەر بىلەن قىلىشقان ئەھدىلەرگە ۋاپا قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئامانەتلىرىگە خىيانەت قىلمايدۇ، ئەھدىلىرىنى بۇزمايدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ